نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 700 قېتىم كۈرۈلدى
ئەنگىلىيەلىك ئەر جىنىس ئۆزگەرتىپ مودىل «قىز» غا ئايلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -16
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

www.alhux.com

 

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆپ يىلدىن بېرى كۆڭلىدە ئىككىلىنىپ كېلىۋاتقان بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش گىمناستىكا يېتەكچىسى جىنىس ئۆزگەرتىپ مودىل «قىز» غا ئايلانغان.

 

 


بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن كىرىسى. ئېدكىنىس بۇنىڭدىن بۇرۇن چېنىقىش ئۆيىدە ھەركۈنى مەشىق قىلىپ، بىلەكلىرى مەشىقتىن كۈچلىنىپ كەتكەن، بەدەن ئېغىرلىقى 101 كىلوگىرام كېلىدىغان ئەركەك ئىدى. گەرچە سىرتقى جەھەتتىن ئۇ ھەقىقىي ئەركەكلەردەك ياشىسىمۇ، ئەمما بارا-بارا كۆڭلىدە ئاياللاردەك يۈرگىسى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆپ قېتىم ئويلىنىش ئارقىلىق 2003-يىلى غەيرەتكە كېلىپ ئۆزىنىڭ يېڭى سالاھىتيىتىنى ئېلان قىلدى.
كېرىسنىڭ جىنىس ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرى بولغان قىزى 9 ياشقا كىرگەن بولۇپ، گەرچە ئۇ قىزىغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك كۆيۈنگەن بولسىمۇ جىنىس ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، قوشنىسى ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ غەىپىنى قوزغىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ «ھۇجۇمى»غا ئۇچرىغان.
ئۇ قىزىنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئۆزىنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق ئۇنىڭ قىزى دادىسىنى يەنىلا كىرىس «دادا» دەپ ئاتىغان. 9 ياشلىق بۇ قىز مەكتەپلەردىمۇ باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشىغا كۆپ قېتىم ئۇچراپ ھاقارەتلەنگەن. ھەتتا بەزى ئانىلار بىرلىشىپ ئۇنىڭ «دادىسى» نى ئۇرۇپ كەتكەن.
نۆۋەتتە، كىرىس جىنىس ئۆزگەرتكەندىن كېيىن «ئايال مودىل» غا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرىنى ئېلان قىلىش ئالدىدا ئىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش