نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 724 قېتىم كۈرۈلدى
كەلگۈسى ئىستىقبالى زور بولغان ماشىنا ئادەملەر (2)
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -07
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :
www.alhux.com


 

iRobot شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان Roomba  ئەقلىي ئىقتىدارلىق تازىلىغۇچى ماشىنا ئادەم باشقا تۈردىكى ماشىنا ئادەملەرگە ئوخشاش كۆزنى چىمچىقلىتىشنى، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ھەمدە ئىگىسىگە تاماق تەييارلاپ بېرىشنى بىلمەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. بۇ  ئەقلىي ئىقتىدارلىق تازىلىغۇچى ماشىنا ئادەم 2002- يىلى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 5 مىليون دانىدىن ئارتۇق سېتىلغان. Roomba  نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى iRobot شىركىتىگە ناھايىتى چوڭ رىغبەت ئاتا قىلغان بولۇپ، ئۇ شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل ماشىنا ئادەمنى ئىشلەش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، يەنە باشقا خىل ماشىنا ئادەملەرنىمۇ ئىشلەپچىقارغان. بۇلار يەر سۈپۈرگۈچى ماشىنا ئادەم Scooba بىلەن سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى تازىلىغۇچى ماشىنا ئادەم Verro قاتارلىقلار ئىكەن. بۇ ماشىنا ئادەملەرنىڭ سېتىلىش باھاسى 300 ئامېرىكا دوللىرىدىن 600 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى قوزغىتىلغاندىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئورۇندا تازىلاش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدىكەن.
 

www.alhux.com


 

iRobot شىركىتى ئائىلە ماشىنا ئادەملىرىنى ياسىغاندىن سىرت يەنە، ھەربىي ئىشلاردا رولى زور بولغان ماشىنا ئادەملەرنى ياسىغان. بۇ شىركەت Boeing شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە بىر كىچىك تىپتىكى ئاكتىكا ماشىنا ئادەمنى ياساپ چىققان. بۇ ئاساسلىقى ئەسكەرلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىۋى ئاممىۋى بىخەتەرلىككە مەسئۇل ئىكەن.

 

 
www.alhux.com

2-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا <<بايقاش>> ناملىق ئالەم ئايروپىلانى خەلقئارالىق بوشلۇق پونكىتىغا قاراپ ئۇچقانىدى. بۇ ۋاقىتتا بىر بوشلۇق ماشىنا ئادىمى Robonaut 2 مۇ بىر ئۇچتى. Robonaut 2 نى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بىلەن ھەممىباب ماشىنىلىرى شىركىتىنىڭ ھىيۇستوندىكى جونسون ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش مەركىزى بىرلىكتە ياساپ چىققان. 1996-يىلى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى Robonaut 2 نى ياساش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2000-يىلى Robonaut 1 نى مەيدانغا كەلتۈرگەن. Robonaut 2 گەرچە Robonaut ئائىلىسىنىڭ بىرىنچى ئەزاسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئالەم بوشلۇقىنىڭ تۇنجى ئەزاسى بولۇپ قالدى.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، Robonaut 2 ئادەتتە بەزى ئاددىي ۋەزىپىلەرنى قايتىلاپ ئورۇندىغاندىن سىرت يەنە بەزى خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنىمۇ ئورۇنداشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن. لايىھىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇ ماشىنا ئادەم ھاۋا سۈزگۈچ ماشىنىسىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرالايدىكەن.
 
www.alhux.com

 
 

 

خوندا تۈرىدىكى ماشىنا ئادەم Asimo خوندا شىركىتى ياساپ چىققان ماشىنا ئادەمبولۇپ،  Asimo يۈگۈرۈش ۋە ئەتراپنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. ئەگەر كەلگۈسىدە بۇ ماشىنا ئادەم ئائىلىلەرگە كىرسە، كىشىلەرگە زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. Asimo تۇنجى قېتىم 1986-يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى ۋەزىپىسى ياردەمچى بولۇش ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى كۈنسايىن تېزلىشىپ، ئىقتىدارلىرىمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە كۆپىيىپ ماڭدى. بۇ ھەقتە خوندا شىركىتى مۇنداق دېدى:<< بىز شۇنىڭغا شەكسىز ئېشىنىمىزكى، Asimo دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ماشىنا ئادەم>>. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 4 ئىنگلىز فۇتى كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەر سائىتىگە تەخمىنەن 6.4 كىلومېتىر يۈگۈرەلەيدىكەن. ئۇ يەنە ئاۋازلىق بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۇ كامىرالىق كۆزنىڭ ياردىمىدە ئەتراپنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش