نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 664 قېتىم كۈرۈلدى
لى كەيفۇنىڭ مىكرو بلوگنىڭ ھازىرقى ھالىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -07
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

www.alhux.com 
 
 

مىكرو بلوگ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى. ئۇلار ئارقىلىق دەل ۋاقتىدا ئۇچۇر تارقاتقىلى، باشقىلارغا ياردەم بەرگىلى ھەمدە سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلاتقىلى بولىدۇ. ئۇ بىزنى ئىختىيارىي مۇخبىرغا ئايلاندۇرالايدۇ. ھەمدە ھەر بىرىمىزنى يەنە تەھرىرگە ئايلاندۇرالايدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن مىكرو بلوگنىڭ كىملەرنىڭدۇر سودىسىنى تارتىۋالغانلىقىنى سورىدى، ئەلۋەتتە، مىكرو بلوگ نۇرغۇن پورتال (门户) تور بېكەتلەرنىڭ سودىسىغا ھۇجۇم قىلدى. نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى پورتال تور بېكەتلەرنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان نەرسىلىرى ناھايىتى مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىكرو بلوگنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە سۈرئىتى زور ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. مىكرو بلوگ چوڭ قۇرۇقلۇقتا بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا زور كۆلەمگە ۋە تەسىرگە ئېرىشتى.
ئەمما، ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان نۇرغۇن ئىشلارمۇ يۈز بەردى. بەزىلەر مىكرو بلوگنى خۇددى ئۆزىنىڭ نېمە دېسە بولىدىغان، ھەتتا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىدىغان ماكانىغا ئايلاندۇرۇۋالدى. نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلارنىڭ مىكرو بلوگىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ راست-يالغانلىقىغا دىققەت قىلماي، باشقىلارغا ئەۋەتتى.  تېخى ئالدىنقى قېتىم سىتۋ.جوبز توغرىلىق مۇنداق تارقالغان مۇنداق بىر پىتنە ئىغۋا مىكرو بلوگدىن ئامېرىكىدىكى بىر داڭلىق ژۇرنالغا چىقتى. ئۇ ئۇچۇر مۇنداق ئىدى: جوبىسنىڭ ئاران ئالتە ھەپتە ئۆمرى قاپتۇ>>. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقانلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ئايدىڭ، ئۇ ژۇرنالدىكى ئۇچۇرلارنىڭ %98 تىنىڭ ھەممىسى ئويدۇرما، لېكىن ئۇ بىزگە كىرگەن ۋاقتىدا راست بولۇپ قالىدۇ. مەن شۇ شۇنداق ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغان چېغىمدا، باشقىلارغا ئەۋەتىپ بەرمەستىن، بۇ ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئىشەنچلىك دەرىجىسى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىمەن ھەم باشقىلاردىنمۇ شۇنداق قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مىكرو بلوگ يېڭىچە ئالاقىلىشىش سۇپىسى، بىز ئۇنىڭغا سەل قاراپ، يوللىغان ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەرمىسەك، يوللىغانلىرىمىز پىتنە-ئىغۋا بولىدىغان بولسا، ئەڭ چاتاق ئىشنىڭ يۈز بەرگىنى شۇ بولىدۇ، ئۇ چاغدا مىكرو بلوگ << قارا قورساقلار ماكانى>> غا ئايلىنىپ قالىدۇ. مېنىڭچە، مىكرو بلوگ پىتنە-ئىغۋا ماكانىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى.
مېنىڭ بىر دوستۇم، ئالاقە تور ھەققىدە سۆزلەپ، ئالاقە تورىنىڭ بىر بىر پارچە ئەينەككە ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ياخشى-يامان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، جەمئىيەتتە نېمە بولسا، ئۇ شۇنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئەمەلىيەتتە، مىكرو بلوگ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئاۋانگارت بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن، مىكرو بلوگنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ، نەدىكى كوچا پارىڭى، ئەپقاچتى گەپلەر ئادەمنىڭ ئەرۋاھىنى ئۇچۇرۇۋاتىدۇ. ئەسلى بۇ ھەقىقەتەن غايەت زور قىممەتكە ئىگە سۇپا ئىدى.
مەن ئالدىن قېتىملاردىمۇ دېگەندەك، مىكرو بلوگ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئۇ ئارقىلىق دەل ۋاقتىدا ئۇچۇر تارقاتقىلى بولىدۇ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەر بىرىمىز مۇخبىر ۋە تەھرىر بولالايمىز، ئۆز تۇرمۇشىمىز ۋە روھىي ھالىتىمىز توغرىسىدا دەل ۋاقتىدا دوكلات بېرىپ تۇرالايمىز، گەپ بىزنىڭ بۇ يېڭى شەيئىگە غايەت زور مەسئۇلىيەت ۋە ئەقىل -پاراسەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىزدا!

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش