نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 661 قېتىم كۈرۈلدى
مۇھەببەت ماشىنا ھادىسىدە يارلانغان قىزنى ئويغاتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -07
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

قىز ۋە ئۇنىڭ يىگىتى لونجاد

 

 

www.alhux.com 

 


ۋەقەگە ئۇچراشتىن بۇرۇنقى گېشىئوۋ

 

 


ماشىنا ۋەقەسىدىن كېيىن ئېغىر يارلانغان قىز

 


ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق گېشىئوۋ يىگىتى لونجاد بىلەن سەنئەت ئونۋېرسىتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا تونۇشقان بولۇپ، ئىككەيلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتكەن. بىراق رەھىمسىز تەغدىر قىزغا ئېغىر «چاقچاق» قىلغان. بىر كۈنى قىز ۋېلىسىپىت مىنىپ كېتىۋاتقاندا چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىسى تەرىپىدىن سوقۇۋېتىلگەن بولۇپ، باش، قول ۋە سول پۇتى قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى سونۇپ كەتكەن. دوختۇرلار قىزنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئوپىراتسىيە جەريانىدا يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، قىزنىڭ ئۇزاققىچە ھايات كەچۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق قىزنىڭ يىگىتى دوختۇرلارنى «خاتا دىئاگنوز چىقاردىڭلار....» دېگىنىچە، قىزغا كېچە كۈندۈز ھەمراھ بولغان. گەرچە قىز ۋەقەدىن كېيىن ھوشىغا كەلمىگەن بولسىمۇ، يىگىت ھەرگىز بەل قويىۋەتمىگەن.
ئۇ ھەر كۈنى قىزغا ئىككىسىنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەپ، قىزنى ئويغىتىشقا تىرىشقان. بىر كۈنى ئۇ قىزنىڭ ئالقىنىغا «سىزنى ياخشى كۆرىمەن!» دىگەن سۆزنى يازغان. ئويلىمىغان يەردىن قىزدىن سادا كىلىپ: « مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟ ناھايىتى ياخشى، رەھمەت سىزگە....» دىگەندەك سۆزلەرنى قىلغان. نۆۋەتتە قىز ئۆسۈملۈك ئادەم سىياقىدا ھوشسىز ياتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىر ئېغىز جاۋابى يىگىت ۋە دوختۇرلارنى ناھايىتى خۇشال قىلىۋەتكەن. دوختۇر يىگىتكە گەرچە قىز ياخشى بولۇپ كېتەلسىمۇ، ئەمما مېڭە قىسمى ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكتىن، كۆرۈش سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئەما بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بىراق يىگىت ناھايىتى قەتئىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ بىر ئادەمنىڭ ھايات قېلىشىنىڭ ئۆزىنى ناھايىتى چوڭ بىر بەخىت دەپ بىلىدىغانلىقىنى، بۇلارغا قىلچە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قىز دوستىنى تېزراق داۋالىتىپ ساقايتىشنى ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش