Cnbeta تورى خەۋىرى، يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئالما شىركىتىنىڭ بۇرۇنقى ماركىسى (يەتتە خىل رەڭلىك كەمتۈك ئالما) نىڭ لايىھىلىگۈچىسىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ناھايىتى خىجىل بولغان ھالدا ئالما LOGO لايىھىلىنىشىنىڭ گۈزەل رىۋايەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمەلىيەتتە بۇ رىۋايەتتىكىدىن تېخىمۇ ئاددىي ئىكەن. تۆۋەندىكىسى شۇ قېتىملىق زىيارەت خاتىرىسىدىن ئۈزۈندىلەر:
سوئال: ئۇ يول-يول سىزىقلارنىڭ ئارقىسىغا قانداق مەنىلەر يوشۇرۇنغان؟ يەنە، بۇ ئالمىنىڭ كەمتۈك بولۇپ قېلىشى قانداق ئىش؟
روب.جانوف: ئۇ يول-يول سىزىقلارنىڭ كەينىگە ھېچقانداق مەنە يوشۇرۇنمىغان، ئۇ<<ھەمجېنىسلار ئىپتىخارلىق بايرىقى>> دېگەندەك نەرسىلەرگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ھەمدە <<ئالان تۇرىڭ سېھىرلىك رىۋايىتى>> بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. <<بىر چىشلەپ قويۇلغان پاراسەت ئالمىسى>> ھەرگىزمۇ ئىنجىلدىكى << ئېرەم باغدىكى سەھەر>> گە سىمۋول قىلىنمىغان. مەن ھېچقانداق دىنغا ئىشەنمەيمەن، بۇ پەقەت بىر Logo لايىھىلەيدىغان سېلىق سسەۋەبىدىنلا مەيدانغا كەلگەن. ئەمما مەن ئالما كومپيۇتېر ئۇقۇمىنى چۈشىنىمەن، بۇ بولسا Logo نىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئەڭ ئۇلۇغ ھېكايىلەرنىڭ بىرىدۇر.
مېىڭچە، بۇ يول-يول سىزىقلىق Logo كومپيۇتېر كۆرسەتكۈچىگە چاپلىنىشتىن بۇرۇن كەمسىتىش تۇيغۇسى بېرەتتى. مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خىجىللىق ھېس قىلىمەن. داڭلىق ماركا پىلانىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە يېرى قالمىدى، پەقەت مەنلا ياخشى كۆردۈم، خالاس.ھىم، توغرا، ئۈستى قىسمىغا يېشىل رەڭ ئىشلىتىشتىكى مەقسىتىم پەقەت يوپۇرمىقىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى.
بۇ ئالمىنىڭ كەمتۈك بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق ئاددىي، ئەمما ئادەمنى خۇشال قىلىدىغىنى بۇنىڭ تاسادىپىي ماس كېلىپ قىلىشى ئىدى.
ئالما ماركىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدىكى كەڭ تارقالغىنى بولسا <<بۇ ئالان.تۇرىڭ بىر چىشلەپ قويغان كەمتۈك ئالمىدىن ئىبارەت>> دېگەن قاراش.
ئالان تۇرىڭ(Alan Turing) كومپيۇتېر ئىلمى ئاتىسى، ئۇ ھازىرقى زامان كومپيۇتېرىنىڭ لوگىكىلىق خىزمىتىگە ئاساس سالغۇچى ھەمدە نامى پۇر كەتكەن ھەمجىنس. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەمجىنىسى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئۇ سىئانىدلار ئېرىتمىسىگە چۈشۈپ كەتكەن ئالمىنى يېگەنلىكى ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى مەنىسى بار دەپ قارايدۇ، ھەمدە ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان دېيىشىدۇ. ئەمما، ئانىسى ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسىدا نۇرغۇنلىغان خىمىيىلىك دورىلارنىڭ دۆۋىلەپ قويۇلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالما شىركىتىنىڭ ماركىسى ئالان.تۇرىڭ چىشلەپ قويغان كەمتۈك ئالما دېگەن گەپلەر تارقالغان.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776