نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 563 قېتىم كۈرۈلدى
دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى موتسىكلىت 210 مىڭ يۈەنگە يارايدىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-04 -29
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 26-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى موتسىكلىت يېقىندا كىمئارتۇق قىلىنىدىكەن. بۇ موتسىكلىت ھازىر 100 «ياش»تىن ئاشقان بولۇپ، تارىخى ۋېكتورىيە ئايال پادىشاھلىقى دەۋرىگىچە يېتىپ بارىدىكەن. بۇ موتسىكلىتنىڭ سۈرئىتى ئاستا، مىنىشكىمۇ ئۇنچە راھەت ئەمەس ئىكەن، ئەمما ئۇ نېمىلا دېگەن بىلەن، مەلۇم باسقۇچتىكى تارىخقا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.

بۇ موتسىكلىت ئادەتتىكى ۋېلىسىپىتقا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ماتورى ئارقا چاقىغا، ماي باكى ۋېلىسىپىتنىڭ توغرا توقمىقىغا مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ موتسىكلىتنى Edwin Perks ئىسىملىك بىر كىشى كەشىپ قىلغان بولۇپ، 1899-يىلى پاتنىتقا ئېرىشكەن. ھازىر بۇ موتسىكلىت ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بولغاچقا، كىمئارتۇق سودىگىرى ئۇنىڭ كەڭ موتسىكلىت ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ موتسىكلىت ئەينى يىلى 63 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 641 يۈەن)غا سېتىلغان بولۇپ، ھازىرقى باھاسى 21 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 210 مىڭ يۈەن)گە چىققان.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش