نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 2288 قېتىم كۈرۈلدى
680 جىڭلىق بودەك خوتۇن ئاشپەز ئەر بىلەن تېپىشىپ قاپتۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-03 -24
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

ئامېرىكىلىق 680 جىڭ كېلىدىغان بودەك ئايال ئاشپەز بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشتى

دۇنيا بۇيىچە ئەڭ سېمىز ئايال بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئامېرىكىلىق 33 ياشلىق ئايال سۇزاننا ئىمان ( Susanne Eman ) نىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بولۇپ، ھازىر تەخمىنەن 343 كلوگىرامغا يەتتى. بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىشتىن باشقا يەنە يېقىندىن بۇيان ئۇنى تېخىمۇ خوشال قىلغان بىر ئىش شۇكى، ئۇ توردا تونۇشقان 35 ياشلىق ئاشپەز يىگىت پاكىر كلاك ( Parker Clack ) بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشتى. سۇزاننا شېرىن مۇھەببەتكە ئېرىشىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىگە ئېسىل تاماقلارنى ئېتىپ بېرەلەيدىغان يۆلەنچۈك ھەمراھقا ئېرىشتى. ئۇ بولغۇسى يولدىشىنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن ئارزۇسىغا ئاخىرى يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


Www.AnAdiyar.Cn

بولغۇسى يولدىشى ھەققىدە توختالغاندا ئىككى بالىغا ئانا بولغان سۇزاننا بەخت تۇيغۇسىغا چۈمگەن ھالدا: ” مەن تاماق يىيىشكە ئامراق، ئۇ تاماق ئېتىشكە ئامراق، بىز خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر “ دەيدۇ، ئۇ يەنە سەمىمىلىك بىلەن بولغۇسى يولدىشىنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرىنىڭ ئۆزىنى مەپتۇن قىلغانلىقىنى، ئېسىل تاماقلارنى ئېتەلەيدىغان بىر ئەر كىشىنىڭ توي تەلىپىنى رەت قىلىشقا ئاجىز كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ” ئۇ ئەتكەن ئىتالىيە شوخلا ئۈگرىسىنى مەن ئەڭ ياقتۇرىمەن، كۈندە نەچچە ۋاق يىسەممۇ زېرىكمەيمەن.

Www.AnAdiyar.Cn

 تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، بولغۇسى يولدىشى پاكىرمۇ سۇزاننانىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ سېمىز ئايال بولۇشىنى ناھايىتى قوللايدىكەن، كىشىلەرنىڭ گۇمانىغا قارىتا پاكىر چۈشەندۈرۈپ: سۇزاننانىڭ سەمىرىش پىلانىنى قوللاشتىكى مەقسىدىم، ئۇنى تېخىمۇ خوش قىلىش دىگەن. ئۇ يەنە سۇزاننانىڭ يىمەك- ئىچمىكىگە ئۆزىنىڭ مەسئول بولغانلىقىنى، ھازىر بۇرۇنقى تاماق تىزىملىكىدىن بىر قىسىم گۆش تۈرلىرىنى بارا- بارا چىقىرىۋېتىپ، بەدەننى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە باكون، تۇخۇم، بەرەڭگە، بولكا يەنە مىۋە سالات قاتارلىقلارنى كىرگۈزگەنلىكىنى ئېيتقان. پاكىر يەنە: ” بىز بەدەن تەكشۈرۈش قىلغاندىن كىيىن دوختۇر ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، دوختۇرنىڭ قارىشىچە ئۇنىڭ سەمىرىش جەريانىدا چوڭ مەسىلە بولمىسىلا، مەن چۇقۇم ئۇنى ئارزۇسىغا يېتىشكە ئىلھاملاندۇرىمەن“ دىگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۇزاننا بۇزماقچى بولغان بەدەن ئېغىرلىقى رىكورتى 727 كلوگىرامنى كارول يېگىر ساقلاپ كەلگەن، كارولنىڭ زىيادە سېمىزلىكى ئۇنىڭغا بەختسىزلىك ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ سېمىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بۆرەك ئىقتىدارى چېكىنىش سەۋەبلىك 1994- يىلى قازا قىلغان. شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشىلەر سۇزاننانى ھاياتىنى دوغا تىكمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بۇلسىمۇ، بىراق سۇزاننا ساغلاملىققا پايدىلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق سېمىزلىك ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقلارنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى، دائىم دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، سىرتلارغا كۆپرەك چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى، زىيادە سېمىز كىشىلەر يولۇققان تەقدىردىن ساقلىنىشقا ئىشەنچى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش