نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 976 قېتىم كۈرۈلدى
ئەسەبىي ئىنگلىز تىلىنىڭ قۇرغۇچىسى لى ياڭ ئائىلە زوراۋانلىقى ئېلىپ بارغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-03 -24
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن چاۋياڭ خەلق سوت مەھكىمىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت كەنتى سوتخانىسى لى ياڭنىڭ ئاجرىشىش دېلوسىغا قارىتا ئىككىنچى قېتىملىق سوت ئاچتى. لى ياڭنىڭ ئايالى KIM نىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق لى ياڭنىڭ نامىدا 20 نەچچە يۈرۈش ئۆي بارلىقىنى بىلگەنلىكىنى ئاشكارلىغان. تۈنۈگۈن سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلمىغان.
بۇلتۇر 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا KIM بلوگىدا ئەسەبىي ئىنگلىز تىلىنىڭ ياراتقۇچىسى، داڭلىق ئىنگىلىزتىلى ئېغىز تىلى مائارىپى تەتقىقاتچىسى لى ياڭنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارلىغان. 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، KIM ئەرزنامە يېزىپ ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان؛ 12-ئاينىڭ 15-كۈنى لى ياڭنىڭ ئاجرىشىش دېلوسىغا قارىتا سوت ئېچىلغان.
لى ياڭ شەندۇڭدا بولغانلىقتىن سوتقا قاتنىشالمىدى
تۈنۈگۈن سەككىزدىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، KIM سوت مەھكىمىسىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ بۇ قېتىمقى سوتتا ئۆزىنىڭ بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقىغا ھەممىدىن بەك قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىش ئوچۇق-ئاشكارە ئېلىپ بېرىلمىغان بولۇپ، ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان.
KIM نەچچە ئون پارچە ئەسەبىي ئىنگلىزتىلىنىڭ تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى چىقىرىپ، «ئون نەچچە شەھەر، ھېسابلاپ كۆرۈڭلار ئېلان ھەققى قانچە بولىدىكىن.» دېدى.
توققۇز بولاي دېگەندىمۇ لى ياڭنىڭ سايىسى كۆرۈنمىدى. توققۇزلار ئەتراپىدا سوت مەھكىمىسى ئىچىدە تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىش باشلاندى، لى ياڭنىڭ ئۆزى سوتقا چىقمىدى، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى سوتقا قاتنىشىپ دەلىل-ئىسپاتلارنى يۈزلەشتۈردى. تۈنۈگۈن تاڭ سەھەر بەشلەر ئەتراپىدا لى ياڭ بولوگىدا ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە شەندۇڭ دۇڭيىڭدا دەرس ئۆتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.
مال-مۈلۈك مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت
لى ياڭنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى شى زىيۆ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ قېتىملىق سوتتا ئىككى تەرەپ ئاساسلىقى ئىككى تەرەپنىڭ ئىسپاتلىرىنى يۈزلەشتۈرىدۇ ۋە ئىككى تەرەپ مال-مۈلۈك، بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ.» كېيىن تېلېفوندا شى زىيۆ نۆۋەتتە ئاۋۋال ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ ئورتاق مۈلكىنى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
KIM نىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى ۋىي ليەنفىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تۈنۈگۈنكى سوتتا نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشتا ئىككى تەرەپ ھېچقانداق تالاش-تارتىشتا بولمىدى، سوتتىكى كۆپ قىسىم ۋاقىتتا مال-مۈلۈك مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىندى، ئۇلار تەمىنلىگەن 30 نەچچە پارچە ئىسپاتنىڭ كۆپ قىسمى مال-مۈلۈك ھەققىدىكى ئىسپاتكەن، شۇنداقلا سوتتا يۈزلۈشتۈرۈلۈپ ئىسپاتلاندى.» ئۇ يەنە مال-مۈلۈك جەھەتتە ئىككى تەرەپتە تالاش-تارتىش بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئىككى تەرەپ بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى
KIM ئۆزىنىڭ قارىشىچە ئەڭ مۇھىم مەسىلىنىڭ بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقى مەسىلىسى ئىكەنلىكى، ئەمما لى ياڭ بۈگۈن كەلمىگەچكە بۇ ھەقتە سۆزلەشمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرىنچى قېتىم سوت ئېچىلغاندا، قىزلىرىم لى ياڭ بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، ئۇ جاۋاب قايتۇرمىدى.» شى زىيۆ لى ياڭنىڭمۇ بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەمما KIM دىن بېقىش راسخوتى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈنۈگۈن سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قارىتا كېسىم ئېلان قىلمىدى.
ئىختىلاپ
لى ياڭ ئائىلە زوراۋانلىقى پەيدا قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارىتا، تۈنۈگۈن لى ياڭنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى شى زىيۆ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئائىلە زوراۋانلىقى چوقۇم دائىم ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىشى كېرەك. ھالبۇكى KIM بىلەن لى ياڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا بالىنىڭ مائارىپ تەربىيىسى مەسىلىسى تۈپەيلى پەقەت ئىككى قېتىملا ئىختىلاپ يۈز بەرگەن بولۇپ، ئائىلىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، كېسىم ئېلان قىلىش ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا ئائىلە زوراۋانلىقىغا كىرمەيدۇ.»
KIM نىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى ۋىي لىيەنفىڭ بولسا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «‹نىكاھ قانۇنى› دىكى مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ‹ئائىلە زوراۋانلىقى› ئۇرۇش، باغلاش، زىيانكەشلىك قىلىش، باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى مەجبۇرىي چەكلەش ياكى باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرىگە روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن مەلۇم زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىلمىشلارغا قارىتىلغان، ‹لى ياڭنىڭ قىلمىشى روشەن ھالدا ئائىلە زوراۋانلىقىغا كىرىدۇ›»
سوتنىڭ قىززىق نۇقتىسى
20 نەچچە يۈرۈش ئۆي ئورتاق مۈلۈككە كىرەمدۇ؟
تۈنۈگۈن سائەت 18 بولاي دېگەندە، KIM نىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى ۋىي لىيەنفىڭ بلوگىدا KIM نىڭ جەمئىي 20 نەچچە يۈرۈش ئۆي بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارلىغان.
ۋىي لىيەنفىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «نۆۋەتتە، سوت لى ياڭنىڭ نامىدا 20 نەچچە يۈرۈش ئۆي بارلىقىنى ئېنىقلىغان بولۇپ، كۆپ قىسمى 2002-يىلى، 2003-يىلى سېتىۋىلىنغانىكەن، ئىگىلىشىمىزچە، ئۇنىڭ شەخسىي ھېساۋاتىدا بەش مىليوندىن كۆپرەك پۇل بار ئىكەن.» KIM ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئەسەبىي ئىنگلىزتىلى ۋە دەرسلىك كىتاب تۈزۈش جەھەتتە نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى.
لى ياڭنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى شى زىيۆ مۇنداق دېدى: «لى ياڭ مال-مۈلۈك جەھەتتىكى ماتېرىيالىنى بىرىنچى قېتىملىق سوتتىكى ۋاقتىدىلا تاپشۇرۇپ بولغان، سوتنىڭ سىرتىدا يەنە سوت مەھكىمىسىگە ئۆزىنىڭ شەخسىي مال-مۈلۈك تىزىملىكىنى تاپشۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مال-مۈلكىنى يوشۇرۇش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت ئەمەس، مەيلى مال-مۈلكىنىڭ قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھازىرقى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە ئورتاق مۈلۈكنىڭ قاچاندىن باشلاپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش.» شى زىيۆ، گەرچە لى ياڭ بىلەن KIM نىڭ 2005-يىلى ئامېرىكىدا توي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا دەلىل-ئىسپاتلارنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەنلىكىنى، كېيىن ئىككەيلەننىڭ 2010-يىلى 7-ئايدا گۇاڭجۇدا قايتىدىن تىزىملىتىپ توي قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش