نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 286 قېتىم كۈرۈلدى
ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت مىقدارى بۇ يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم زور مىقداردا چۈشۈپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-03 -24
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

جۇڭگو خەۋەر تورى 24-مارت تېلگراممىسى ، ئامېرىكا «ۋال سترېت كوچىسى كۈندىلىك گىزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، بىر نوپۇزلۇق مەسلىھەت بېرىش ئاپپاراتىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، 3-ئايدا ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت مىقدارى بۇ يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم زور مىقداردا چۈشۈپ كەتكەن، بۇ بولسا جازالاش ھەركىتىنىڭ ئىران نېفىت ئېكسپورت كىرىمىگە زەربە بېرىشى باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ ئايدا ئىران نېفىت كۈندىلىك ئېكسپورت مىقدارى 190 تۈمەن تۇڭ بولۇپ ،ئىلگىرىكىدىن 30 تۈمەن تۇڭ ئازايغان. بۇنىڭ سەۋەبى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىران نېفىت تىرانسىپورتىنى چەكلەش تەدبىرىنى يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن ، سېتىۋالغۇچىلارنىڭ سىتىۋىلىش كۆلىمىنى ئازايتقانلىقى ئىكەن.
ئىرانغا بىسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ، ياۋروپا ئىتتىپاقى 1-ئايدا 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شۇ رايوندا ئىران نېفىتىنى چەكلەش چاقىرىقىغا قوشۇلغان، ھەم ئامېرىكىمۇ ياپۇنىيە-كورىيەنىڭ ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشىنى ئازايتىشىنى تەلەپ قىلغان.
بىراق ھازىرغا قەدەر ئىراننىڭ كۈندىلىك نېفىت ئېكسپورت مىقدارى 220 تۈمەن تۇڭ مىقدارىنى ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ، چۈنكى ئىران نېفىت توختامىدىكى بەلگىلىمىلەر بىر قەدەر جانلىق ئىكەن

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش