نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 224 قېتىم كۈرۈلدى
ئەڭ يىراق يۇلتۇزلار توپى يەر شارىدىن 10 مىلىيار 500 مىلىيون يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا ئىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-03 -24
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى :

 ئەڭ يىراق يۇلتۇزلار توپى يەر شارىدىن 10 مىلىيار 500 مىلىيون يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا ئىكەن


شىنلاڭ تېخنىكا تورى، بېيجىڭ ۋاقتى 23- مارت خەۋىرى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى يېزا-ئىگىلىك ئىشچىلار ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى خادىم ۋە خەلقئارا ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىلىدىكى دىئامېتىرى 6.5 مېتىر كېلىدىغان ماگېللان تېلېسكوپى ئورنىتىلغان يېڭى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق كامېرا FourStar دىن پايدىلىنىپ، ئۇلار ئاللىقاچان مەلۇم بولغان ئەڭ يىراقتىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپىنى بايقىغان بولۇپ، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 مىلىيارد 500 مىلىيون يورۇقلۇق يىلى كېلىدىكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، خۇببىل بوشلۇق تېلېسكوپىمۇ بۇ يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ئەمما بىر ئاي كۆزىتىش ئارقىلىق، «خۇببىل» 30 يۇلتۇز سىستېمىسى توپىدىن تەشكىل تاپقان بۇ يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپىنى بايقىيالمىغان.

FourStar غا 5 دانە ئىنفىرا قىزىل نۇر سۈزگۈچى سەپلەنگەن بولۇپ چەكسىز دولقۇن ئۇزۇنلۇقى پەرق ئېتىشچانلىققا ۋە تۆۋەن نۇر سەزگۈچانلىقىغا ئىگە. يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى ئالەمدىكى «شەھەر مەركىزى» دېيىلىدۇ، كۆلىمى چوڭراق بولغىنىدا نەچچە مىڭ يۇلتۇزلار سىستېمىسى بار، بۇنىڭغا قارىتا كۆزىتىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇناسىۋەتلىك يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئۆزگىرىشى ۋە ئالەمنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك مۇھىتىدىكى سىرلىق توپلارنى سىرىنى ئېچىشقا پايدىلىق.

بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتقا «FourStar يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈش» دىگەن نام بېرىلگەن. تەتقىقات رەھبىرى دوكتۇر جىم.ۋىتلاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بايقىغان يۇلتۇزلار توپى بولسا بىر كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولغان «شەھەر» دىكى كىچىك دانچە. ئاۋستىرالىيە سۋىربىن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسىگە مەسئۇل ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىشۇناسى سىپېللېر:«بىز كۆزىتەلىگەن بۇ يۇلتۇزلار توپى بارلىققا كەلگەندە، ئالەمنىڭ يېشى پەقەتلا 3 مىلىيارد ياش ئىدى. يەنى، بۇ يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى ئىنتايىن ياش، يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى قۇرۇلمىغا ئۆزگىرەلەيدۇ.

يېڭى بايقالغان يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى ئالىملار تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بىر بوشلۇق رايونى مەركىزىگە جايلاشقان. سپېللېر، بۇ رايون ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى ئەتراپىغا جايلاشقان، يەر يۈزى ۋە بوشلۇقتىكى ئاساسلىق كۆزىتىش ئۈسكىنىسى بۇنىڭغا قارىتا نەچچە مىڭ سائەتلىك تەتقىقات ئېلىپ باردى، خۇببىل تېلېسكوپىنى مىسالغا ئالساق، بۇ تېلېسكوپمۇ بىر ئايغا يېقىن كۆزىتىش ئېلىپ باردى دىگەن.

6 ئاي كۆزىتىش ئارقىلىق، ئالىملار بۇ رايوننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كۆزىتىپ چىققان. يەر شارىدا تۇرۇپ كۆزەتكەندە، ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئاي شارىنىڭ بەشتىن بىرىگىلا توغرا كېلىدۇ. بۇ رايون گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما 1000 دانە يۇلتۇزلار سىستېمىسى بار بولۇپ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 مىلىيارد 500 مىلىيون يىل كېلىدۇ. بۇ تۈرلۈك خەلقئارا تەتقىقاتنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى كىچىك گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل كاخىل.گىلازبۇرك:«يېڭى سۈزگۈچتىن پايدىلىنىپ، بىز كېچە ئاسمىنىغا قارىتا «CT شەكىل چۈشۈرۈش» ئېلىپ بېرىپ، تېز سۈرئەتتە دەسلەپكى مەزگىللىك ئالەمدىكى 3D سۈرەتلەرنى سىزىپ چىقالايمىز» دىگەن.

يېزا-ئىگىلىك ئىشچىلار ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتۇر كاسەي.پابۋىچ:««چوڭ تىپتىكى شەھەرلەر» شەكىللەنگەن ۋاقىتتىكى ئالەم بولسا غۇۋا ماددىي ھۆكۆمرانلىق قىلىش بولۇپ، بىز ئېلىپ بارغان تەتقىقات بۇ «چوڭ شەھەرلەر»نىڭ شەكىللىنىش سۈرئىتىدىكى مۇساپىنى توغرا ئۆلچەپ چىقىپ بىر قەدەم ھالقىدۇق. ئۇلارنىڭ توپلاشقاندىكى سۈرئىتىگە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقات، بىزنىڭ ئالەم قۇرۇلمىسى قانداق شەكىللەنگەنلىكىگە قارىتا چۈشەنچىمىزنى سىنايدۇ. ئالەمنىڭ «چوڭ شەھەرلەر» شەكىللەنگەن ۋاقىتتىكى قەدىمى قانچە چوڭ بولسا، بىزنىڭ ئەڭ توغرا ئۆلچەش ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىمىزمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. كۆزىتىش ئۈسكىنىلىرى مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئاچقۇچى، ئۈسكىنىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلغارلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىز كۆزىتىش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىمىز» دىگەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش