نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 694 قېتىم كۈرۈلدى
ئافغانىستاندا ئالىي مەكتەپ ئىمتھانى ئېلىندى ،ئىمتھان بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قىزلار ئىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-02 -21
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : خەلقئارا ئاخبارات لېنىيسى

 

Www.AnAdiyar.Cn 

2-ئاينىڭ 20-كۈنى ،ئافغانىستان ئوقۇغۇچىلىرى كابۇلدا ئالىي مەكتەپ ئىمتھانىغا قاتناشماقتا .شۇكۈنى ،ئافغانىستان ئالىي مەكتەپ ئىمتھانىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ئىمتھانى كابۇلدا ئېلىنىدى .ئافغانىستان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى

Sidi مۇنداق دېدى :جەمىئىي 12000 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى بۇ قېتىمقى ئىمتھانغا قاتناشتى ،بۇنىڭ ئىچىدە 5500 نەپىرى قىز ئوقۇغۇچىلار .

شىنخۇا تورى كابول 2-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى تېلگراممىسى ،ھەر يىلى 2-ئايدىن 3- ئايىغىچە ،ئافغانىستان پۈتۈن دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتھانى ئېلىنىدۇ .بۇ يىل 160 مىڭ ئوقۇغۇچى بۇ ئىمتھانغا قاتناشتى ،ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قىز ئوقۇغۇچىلار ئىكەن .

تالىبان ھۆكۈمەت ھۆكۈمرانلىقى چۈشۈرگەن بۇيرىقىدا ،ئافغانىستاندىكى قىزلار باشلانغۇچ ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇسا ياكى ئىشلىسە بولمايدۇ دېگەن .لېكىن ھازىر بولسا قىزلار يۇقىرى مالۇماتلىق تەلىم- تەربىيەلەرنى قۇبۇل قىلشقا باشلىدى .

پايتەخت كابۇل ،120 مىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 20 چىسىلادىن باشلاپ 4 كۈن ئىمتھانغا قاتنىشىدۇ .ئافغانىستان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى Sidi كابول ئالىي مەكتەپ ئىمتھان زالىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى :شۇكۈنى ئىمتھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە 5500 نەپەر قىز ئوقۇغۇچى بار ،ئىمتھان 4 كۈن داۋاملىشىدۇ ،نەتىجىسى 3-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ .

ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىمتھان ئېلىش ۋاقتى ۋە ئىمتھان سۇئالى تەخمىنەن ئوخشىمايدۇ .بۇ يىل ئىمتھان بەرگۈچىلەرنىڭ سانى جەمىئى 160 مىڭ ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى يېرىمدىن كۆپرەكىنى قىز ئوقۇغۇچىلار ئىگىلەيدىكەن .بۇ ئىمتھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە ،35 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپنىڭ تۇلۇق كۇرۇس تەربىيىسىنى ئېلىشى پۇرسىتى كۆپكەن ،ئۇنىڭدىن باشقا 50 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ چاقىرىق قەغىزىگە ئېىرىش پۇرسىتى بار .

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش