نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 700 قېتىم كۈرۈلدى
چاچ يەيدىغان ئايال
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -13
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :
نۇرغۇنلىغان قىزلار ئۇششاق-چۈششەك يېمىكلىكلەرنى يىيىشنى  ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن  26 ياشلىق ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئالاھىدە بىر خىل خۇمارى بار بولۇپ، ئۇ چاچ يىيىشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن، بىر قانچە يىلدىن بېرى، يەپ بولغان چاچلىرى ئۇنىڭ ئاشقازىنىغا دۆۋىلىنىپ « L»شەكىللىك سىلىندر شەكلىنى ھاسىل قىلغان.
يېقىندا ، بۇ ئايالنىڭ تەرىتى نورمالسىزلىشىپ، بىر ھەپتە ئاران بىر قېتىم تەرەت قىلىدىغان، قورسىقى ئاغرىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرىدىغان بولۇپ قېلىپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوختۇرلانى ھەيران قالدۇرغان، ئايالنىڭ ئاشقازىنى چاچقا ئوخشايدىغان كەللەكسىمان نەرسىلەر بىلەن لىق تولۇپ كەتكەن ئىكەن.
دوختۇر ئىككى سائەت گاستروخىنغا ئوپراتسىيىسى ئارقىلىق، بۇ غەلىتە ماددىنى ئايالنىڭ ئاشقازىنىدىن ئايرىپ چىققان، «L»شەكىللىك سىلىندىرسىمان بۇ ماددىنىڭ  ئېغىرلىقى 1.5 كىلوگرام بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا چاچ ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
ئوپراتسىيىدىن كېيىن بۇ ئايالنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دائىم باشقىلارنىڭ چاچلىرىنى يىغىپ يەيدىكەن، ئائىلىسىدىكىلەر شۇنچە نەسىھەت قىلسىمۇ، پەقەتلا گېپىنى ئاڭلىمىغان ئىكەن.
دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايالنىڭ قورسىقىنىڭ ئاغرىشى، كۆڭلىنىڭ ئېلىشپ ياندۇرىشى، ئۇ يۇتىۋەتكەن چاچنىڭ ئىستىمال بولماي ئاشقازاندا يىغىلىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن، كۈندىن-كۈنگە يىغىلىپ بېرىۋاتقان چاچلار ئاشقازاندا يىغىلىپ قالغاچقا، باشقا يىمەكلىكلەر ئاشقازانغا كىرىشكە ئامالسىز قالغان، شۇنىڭ بىلەن چوڭ-كىچىك تەرىتىمۇ قولايسىز بولۇپ قالغان.
دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايال «غەيرىي نەرسىلەرنى يىيىش خۇمارى» دېگەن كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار غەيرىي نەرسىلەرنى يىيىشتىن ئۆزىنى كونترول قىلالمايدىغان بولۇپ، روھىي نورمالسىزلىقتىن كېلىپ چىقىدىكەن. بۇ خىل كېسەللىك ئادەتتە بىر ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپرەك كۆرىلىدىكەن. ھەتتا ھايۋانلاردىمۇ بۇ خىل كېسەلنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.
      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش