نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1193 قېتىم كۈرۈلدى
8ياشلىق قىزىغا 268 قېتىم باسقۇنچىلىق قىلغان دادا 1874 يىل سولاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -10
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :
تەيۋەننىڭ «بۈگۈنكى ئاخبارات تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ گاۋشيۇڭدىكى بىر ياۋۇز دادا  ئۆز قىزىغا 8 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ باقۇنچىلىق قىلىپ، قىزى تولۇقسىزغا چىقىپ بۇنداق كېتىۋېرىشكە تاقىتى قالماي، ئاخىرى ئاپسىغا ئەھۋالنى ئېيتقاندا ئاندىن بۇ ياۋۇز دادىنىڭ ئەپتى بەشىرىسى ئاشكارلانغان. تەيۋەن ئالىي سوتىنىڭ گاۋشيۇڭ تارماق سوتى قىزنىڭ تەسۋىرىگە ئاساسەن، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىمدىن ھېساپلىغاندا، جەمئىي 268 قېتىم باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىغان دەپ قاراپ، بۇ ياۋۇز دادىغا 1874 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.
خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە، بۇ ئەر ئايالى بىلەن ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كىيىن، باللىرىنى ئېلىپ گاۋشيۇڭدىن پىڭدۇڭغا كۆچۈپ كەتكەن. 1997-يىلىنى مەلۇم بىر ئاخشىمى ھاراق ئىچى مەس ھالەتتە ئۆيگە قايتقان، ۋە ئۇخلاپ قالغان سەككىز ياشلىق قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ قىزىنى «ئويۇنچۇق» قىلىۋالغان.
2004-يىلى9-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئۇدا يەتتە يىل باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىغان قىز يەنە باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىغاندىن كىيىن، ئاپىسىغا تېلېفۇن قىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ ئەھۋالنى ئېيتقان، پەقەت شۇ چاغدىلا بۇ ئىش ئاشكارلىنىپ چىققان.
قىزچاقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىمىغان، چۈنكى ئۇ ئىنىسى ۋە سىڭلىسىنىڭ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلىشىدىن ئەنسىرىگەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، دادىسى ئۇنىڭغا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 2-3 كۈندە بىر قېتىم باسقۇنچىلىق قىلىدىكەن، لىكىن قىزچاق ئىلگىرى سوتتا ئىقرارىدىن يېنىۋالغان بولۇپ، ئاپىسىنىڭ نەسىھىتى بىلەن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتقان. لىكىن قىزنىڭ دادىسى يەنە، بۇرۇنقى ئايالىنىڭ بالىلارنى بېقىش ھوقوقىنى تالىشىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ دىگەن.
تەيۋەن ئالىي سوتىنىڭ گاۋشيۇڭ تارماق سوتى قىزنىڭ تەسۋىرىگە ئاساسەن، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىمدىن ھېساپلىغاندا، 14 ياشلىق بۇ قىزچاق جەمئىي 268 قېتىم باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىغان دەپ قارىغان، شۇڭا ھەر قېتىملىقىغا 7 يىل 2 ئايدىن ھېساپلىغاندا، بۇ ياۋۇز دادىغا 1834 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن، قىز 14 ياشقا كىرگەندىن كىيىن 12 قېتىم باسقۇنچىلىق قىلغان بولسا، ھەر قېتىملىقىغا 3 يىل 4 ئايدىن جازا بېرىلسە، جەمئىي 40 يىل بولىدۇ. بۇ جىنايەتلەرنى قوشۇپ ھېساپلىغاندا، بۇ دادىغا 1874 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن، ھەم ئۈچ يىل مەجبۇرىي داۋالىنىدىكەن. لىكىن قىزچاق دادىسىنىڭ سولانغانلىقىنى كۆرۈشنى خالىمىغاچقا، سوت تەرەپ يېنىكلىتىپ جازا بېرىپ 9 يىل 8 ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش