نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1899 قېتىم كۈرۈلدى
قىز دوستىغا قۇلۇپى بار تۆمۈر كۇسار كىيدۈرگەن يىگىت
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-11 -29
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.chinanews.com

29 ياشلىق خى كاماندۇرۇپكىغا چىققان ۋاقتىدا 90-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان كىچىك قىزچاق شىياۋتىيەن بىلەن تونۇشۇپ قالغان ،ئۇلارئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي چىقىشىپ قىلىپ مۇھەببەتلەشكەن.خى قىز دوستى شىياۋتىيەننى چىڭدۇدىكى ئۆيىگە ئىلىپ كىلىپ بىر ئۆيدە بىللە تۇرغان.بۇ يىل 8-ئايدا خى شىياۋتىيەننىڭ ئاشنىسى بارلىقىدىن گۇمانلىنىپ ،شىياۋتىيەننى قاتتىق ئۇرغاندىن كىيىن توردىن قولۇبى بار تۆمۈر كۈسار سېتىۋىلىپ شىياۋتىيەنگە مەجبۇرىي كەيدۈرۈپ ياتاق ئۆيىگە سولاپ قويىدۇ ۋە ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ ‹‹بۇنىڭدىن كيىن ئۆزىڭنى بىلىپ يۈر،بولمىسا قانداق قىلدىغىنىم كۆڭلۈڭگە ئايان››دەپ تەھدىت سالغان.
     شۇكۈنى خى ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە شىياۋتىيەن كىيگەن تۆمۈر كۈساردا قولۇبنى قايرىغان ئىزنى كۆرگەن خى شىياۋتىيەننى يەنە قاتتىق ئۇرغاندىن كىيىن پۇت-قولىنى باغلاپ ،كېچىچە ئۇخلاتمايدۇ.ئىككى كۈندىن كىيىن شىياۋتىيەن خىنىڭ ئىشقا كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ كىچىك قەغەزنىڭ ئۈستىگە قۇتقۇزۇش خىتى يىزىپ ياتاق ئۆيىنىڭ دەرىزىسىدىن سىرتقا تاشلىۋىتىدۇ.ساقچىلار نەخ مەيدانغا يېتىپ كىلىپ شىياۋتىيەننى قۇتقۇزۋالىدىۇ،خىنى شۇكۈنىلا قولغا ئالىدۇ.
چىڭياڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى خىنىڭ بۇ قىلمىشى باشقىلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىك ھوقۇقىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغانلىق ،قىلمىشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا مۇددەتلىك يەتتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش