نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1423 قېتىم كۈرۈلدى
دۇنياۋى مەشھۇر رەسىملەردىكى ساھىبجاماللار
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -31
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

داۋىنچى: نالىزا›› 

    بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر رەسىم . مونالىزانىڭ گۈزەل لاتاپىتى ، تەمكىن سالاپىتى ، سىرلىق كۈلۈمسىرىشى بۈگۈنكى كۈندىمۇ نۇرغۇنلىغان تارىخچىلار ۋە رەسىم مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھەۋەس–ئىشتىياقىنى قوزغىماقتا . ئۇ لوۋرې مۇزېيى (Muse du Louvre) نىڭ قىممەتلىك گۆھىرىدۇر .

لاتۇر (Latour): ىز خانىمنىڭ رەسىمى››

   بۇ خانىم لۇيىسXV نىڭ ئاشنىسى بولۇپ ، شۇ دەۋردىكى سەنئەتكارلارنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىدى . رەسىمدە ئۇنىڭ نازاكىتى ۋە تەكەببۇرلۇقى ، نازۇكلۇقى ۋە پىشقانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن .

.

ۋىرگىلېبلان: خانىم ۋە ئۇنىڭ قىزى››

   بۇ رەسىم شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنياغا مەشھۇركى ، ئۇنىڭدا ئۇلۇغ ئانا مېھرى ئىپادىلەنگەن . رەسىمنىڭ سىزىلىشى ئىخچام ، تەبىئىي بولۇپ ، ھەقىقەتەنمۇ بىر نادىر ئەسەردۇر .

دېلاكرويكس (Delacroix): ھى ئىنسانىيەتنى ئالغا يېتەكلىمەكتە››

    دېلاكرويكس سىياسىي مەزمۇننى رەسىمگە سىڭدۈرگەن بولۇپ ، ھۆرلۈك بىلەن ئىنسانىيلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ، فىرانسىيە خەلقىنى جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىگەن . رەسىمدىكى ئايالنىڭ گۈزەللىكى ۋە تىز پۈكمەس ئىرادىسى دەۋرنىڭ سىمۋولى قىلىنغان .

مارىي كاسا (Mary Casa): ‹گۈللۈكتىكى سەتەڭ قىز››

    بۇ رەسىم بىر ياش قىزنىڭ پاك تۇرقىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرگەن . رەسىمدىكى قىزچاقنىڭ ئەستايىدىل ، كۆڭۈل قويغان قىياپىتى بىلەن جەلپ قىلارلىق بەدەن ھالىتى ياۋا گۈللەر قاپلىغان تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن .

ۋىنتېر خارت (Winter Heart): كوۋ خانىم››

   غەرب رەسساملىرىنىڭ ئېسىلزادە خانىملار ۋە ساھىبجامال قىزلارنى سىزىشى بەلكىم مەڭگۈ ئۆزگەرمەس تېما بولسا كېرەك ، بۇ رەسىمگە ئېسىلزادە خانىمنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىسى ۋە پاكلىقى ، گۈزەللىكى سىڭدۈرۈلگەن .

رېنويىر (Pierre Auguste Renoir): ات جارۋىس خانقىزنىڭ رەسىمى››

 

   بۇ رەسىمدىكىسى بىر بانكىرنىڭ قىزى بولۇپ ، ئۇنىڭ ياشلىق جىلۋىسى ئۇرغۇپ تۇرغان ، ئۇيۇلۇپقىنا كۈلۈمسىرىگەن پاك ھەم گۈزەل تۇرقى كىشىگە جىمجىتلىق ۋە ئىنتىلىش تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ.

گېرخارد (Gerhard): ‹بېتتى››

 

   رەسسام يۇقىرى ماھارەت بىلەن قىزى بېتتىنىڭ رەسىمىنى خۇددى تارتىلغان سۈرەتتەكلا ئېنىق سىزىپ چىققان . رەسىمدىكى قىزىل ، ئاق ، ھال رەڭ ئارىلاشقان كۆڭلەك كىيگەن بېتتىنىڭ بەدىنىنى بۇراپ ، تۈگۈلگەن چاچلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرغان كۆرۈنۈشى ئىنتايىن جەلپكار بولۇپ ، كىشىگە خۇددى ھېلىلا ئۆرۈلۈپ قارايدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ .

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش