نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 722 قېتىم كۈرۈلدى
تاتار مىللىتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-10 -04
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.hawar.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

تاتارلار—  كۆپ قىسمى غۇلجا ،چۆچەك ،ئالتاي ،ئۈرۈمچى ،گۇچۇڭ ،جىمسار قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ،ئاساسەن شەھەرلەردە ياشايدۇ .نوپۇسى 4مىڭ700 (2006–يىلىدىكى مەلۇمات ) تىن ئاشىدۇ .تاتار تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە.تاتارلارنىڭ كۆپچىلىكى شەھەرلەردە ياشىغاچقا ،تىجارەتچى ۋە زىيالىيلارنىڭ نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى .ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ياكى قازاق تىللىرىنى پىششىق بىلىدۇ .19–ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ،قازاق رايونىدىكى تاتارلار ئىلگىرى –كېيىن شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت –مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان .

       تاتارلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاچقا ،ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن  ئادەتلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ .تاتارلارنىڭ ئەرلىرى ئادەتتە ئاق كانۋاي كۆينەك كىيىدۇ ،كۆينەك ئۈستىگە قارا جىلىتكە كىيىدۇ ،ئاياللار مارجان باسقان گۈللۈك دوپپا ،ئاق ،سېرىق ياكى جىگەررەڭ ئۇزۇن كۆينەك كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ .تاتار ئاياللىرى پېچىنە –پىرەنىك ۋە ھەر خىل تاتلىق –تۈرۇملەرنى پىشۇرۇشقا ماھىر .تاتارلار ناخشا –مۇزىكىغا ھېرىسمەن ،ئۇلارنىڭ شوخ ،لەرزان مۇزىكىلىرى ئادنوشكا قاتارلىق ئۆزگىچە ئۇسسۇللىرى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ .

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش