نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1034 قېتىم كۈرۈلدى
يەر شارىنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدا باشقا تىپتىكى ئىنسانلار مەۋجۇد بولۇشى مۇمكىن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-10 -01
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

قىياستىكى يېڭى ئادەملەر

 

گىرېستىيە رىۋايەتلىرىدە، قەدىمىي زاماندا بىر مىللەت شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى مەڭگۈ ئىللىق، ھەممە يەر قۇياش نۇرىغا تولغان يەردە ياشايدىكەن، ئۇ يەرنىڭ تۇپرىقى «شىمال جەنىتى» (Hyperborea) دەپ ئاتىلىدىكەن. شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى قەدىمكى زامان ھايۋانات ۋە ئادەملەرنىڭ ھەرىكەت قىلغان ئىزنالىرىنىڭ بايقىلىشىغا ئەگىشىپ، بەزى كىشىلەر «شىمال جەننىتى»نىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىدى ھەم ئېكسپېدىتسىيەچى ۋە تەتقىقاتچىلار بەس-بەستە بۇ ئادەم ئايىغى بېسىلمىغان سىرلىق جاينى ئىزدىدى.

رىۋايەتتە نەچچە ئەسىر بورۇن، شىمالىي قۇتۇپنىڭ يەر ئاستىدا قەدىمىي قەبىلە ياشاۋاتقانلىقى، يەر ئاستىدا ئۇلارنىڭ ناھايىتى ياخشى ئولتۇراق جايلىرىنىڭ بارلىقى ئېيتىلغان. مىستىكا ئالىملىرى ھىمالايا تېغى ئاستىغا كىرىش رىۋايىتىدە Shambala رايونى، شىمال جەننىتى ۋە Plutonia نىڭ كىرىش ئېغىزى ناھايىتى مەخپىي بولۇپ، سىرتنىڭ ئادەملىرى شىمالىي قۇتۇپقا يېقىنلىشىشنى بىلمەيدۇ دەپ قارايدۇ. يېقىندا، بىر ئىشەنچلىك دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە يەر شارىغا يېتىپ كەلگەن ئۇچار تەخسە (UFO) ئالدى بىلەن ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن بولماي، بەلكى يەر شارى شىمالىي قۇتۇپىنىڭ ئاستىدىكى ناھايىتى زور ئۆڭكۈردىن كەلگەن دېيىلگەن.

ئەپلاتۇن دەۋرىدە، كىشىلەر ئەڭ بۇرۇن يەر شارىدا باشقا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى پەرەز قىلغان. ئەپلاتۇن يەر شارىدا لەخمە ۋە ئۆڭكۈرلەر بىلەن تولغان دەپ قارىغان. تەتقىقاتچى خادىم ئېدموند خاللېي يەر شارى ماگنىت مەيدانىنى تەتقىق قىلىپ ئازراقلا ئۆزگىرىش بولسا يەر شارىنىڭ بىر ۋاقىتتا نەچچە ماگېنت مەيدانى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار يەر شارى ئۆزدىن ماگېنت مەيدانى بار بولغان شارچىسىنىڭ بارلىقىنى پەرەز قىلماقتا. ئۇزۇندىن بېرى، پىلانېتا كاۋاك بارلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئوي ئىلمىي فانتازىيىلىك روماندا ئومۇمەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ھەتتا نەچچە ئالىم ئوخشىمىغان باھا ۋە تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، يەر شارىدا ھەقىقەتەن كاۋاك بارلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى.

70 يىل بۇرۇن، شىمالىي قۇتۇپ خەرىتىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم رايونى تەكشۈرۈلمىگەن، بۇ سىرلىق شىمالىي قۇتۇپتا ئىنسانىيەت بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما، رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى گېئولوگىيە بىلەن مىنېرالوگىيە دوكتورى مارك سادىكوف شىمالىي قۇتۇپتا يەر ئاستىغا كىرىشكە ئىشلىتىلىدىغان كىرىش ئېغىزى قىلىشقا بولىدىغان ئۆڭكۈر يوق، دەپ ئىشىنىدۇ. شىمالىي قۇتۇپ رايونى شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ دېڭىز ئاستىدا بولۇپ، ئۇ يەردە تاغ تىزمىسى ۋە ئويمانلىق بار. 

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

قىياستىكى يېڭى ئادەملەر

 

شىمالىي قۇتۇپ بىلەن جەنۇبىي قۇتۇپ تەتقىقاتخانىسىدىكى جۇغراپىيە ئالىمى مارىيە گاۋرىلو ئۆزىنىڭ شىمالىي قۇتۇپنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا شىمالىي قۇتۇپ ئۆڭكۈرىنى بايقىمىغانلىقىنى، شىمالىي قۇتۇپ قار مۇز بىلەن قاپلانغان دېڭىز ئوكيان بۇنىڭدا خاتالىق يوق دەپ بىلدۈردى. نۇرغۇن ئۆڭكۈر تېپىشقا تىرىشقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئاۋارە بولىدۇ، دېگەن.

بۈگۈنكى كۈندە، 21-ئەسىردە ۋۇجۇدقا كەلگەن يېڭى تېخنىكىلار ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ. يەر شارى ئۆڭكۈرى نەزەرىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يەر شارىنىڭ بىر نەچچە ماگېنت مەيدانى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇلار يەنە شىمالىي قۇتۇپ نۇرى گاز بولۇپ، قۇتۇپ رايونىنىڭ نېپىز يەر پوستىدىن چىققان دەيدۇ. ئۇندىن باشقا ئۆڭكۈر تەرەپدارلىرى تەكىتلەپ، قۇتۇپ رايونىغا كەلگەندە كومپاستا ھەرگىزمۇ قالايمىقان مىدىرايدىغان ئەھۋال بولمايدۇ، دەيدۇ. نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار يەنە شىمالىي قۇتۇپتا دائىم ئىللىق شامال چىقىدۇ، بۇ، بۇ يەردە چوقۇم بىر ناھايىتى زور ئۆڭكۈرنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، دەيدۇ.

سادىكوف يەر شارىدا ھەقىقەتەن بىر نەچچە ماگېنت مەيدانىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغان. بەزى ماگېنت مەيدانى ھەتتا كونا سۇپىغا مەنسۇپ ئەمەس. ئىللىق شامالغا كەلسەك بۇ شۇ يەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. گاۋرىلو جەنۇبىي قۇتۇپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ماگېنت مەيدانىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى قۇتۇپقا دائىر تەتقىقاتلاردا، ھەر بىر قۇتۇپنىڭ ماگېنت مەيدانىنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكىنى، دائىم ناھايىتى تېز يۆتكىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. مۇتەخەسسىسلەر شىمالىي قۇتۇپ نۇرى قۇتۇپ رايونىنىڭ بىر ئالاھىدە ھادىسىسى، ئۈستۈنكى ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى قوزغىتىلغان ئاتومنىڭ چىقارغان نۇرى قۇتۇپ رايونى ئاسمىنىغا يېغىلىپ، بىز كۆرەلەيدىغان نۇرنى پەيدا قىلغان، دەيدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم بوشلۇقىدا، پۈتۈن يەر شارىنىڭ نۇر ھالقىسى بىلەن قاپلانغانلىقىنى كۆرەلەيدي، ئەمما يەر شارىدىكى ئادەملەر پەقەت قۇتۇپ رايونىدىلا بۇ ھادىسىنى كۆرەلەيدۇ. دەيدۇ.

تەتقىقاتچىلار قۇتۇپ رايونىغا كەلگەندە كومپاسنىڭ باشقىچە نورمالشىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى يەر شارى ماگېنت مەيدانى قۇتۇپ رايونىدا ئەڭ زىچ بولۇپ، كومپاسنىڭ ئۇياق بۇياققا مىدىرلىمىغىنى پەقەت قۇتۇپنىلا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىدۇر. دەيدۇ.

يەر شارى كاۋىكىغا ئالاقىدار نۇرغۇن پەرەزلەر پەقەت قىياس بولۇپ ئىلمىي سانلىق مەلۇمات ئەمەس. بۇ دەل بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بۇ نەزەرىيەلەرگە باھا بەرمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى. بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن يەر ئۈستىدىكى سىرلار ئازلىق قىلغاندەك ئۇلار يەنە يەر ئاستى دۇنيادىن يېڭى بىر دۇنيا تاپماقچى بولىۋاتىدۇ، يەر ئاستىنىڭ ئەھۋالى ھەممەيلەنگە نامەلۇم، يەنە نۇرغۇن ئېچىلمىغان سىرلار ئېچىلىشنى ساقلاپ ياتماقتا.

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش