نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1585 قېتىم كۈرۈلدى
ئەنگىلىيەنىڭ شىمالىدا«تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»بايقالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -15
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.izbasar.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 
«تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»
Www.AnAdiyar.Cn
 

قەدىمكى كىشىلەرتاش بىلەن تەڭگە پۇللارنى دەرەخكە مىخلاپ تىلەك تىلىشىدىكەن

 

Www.AnAdiyar.Cn 
يەرلىكلەر بۇ دەرەخلەردە ئىلاھ بار دەپ قارىغاچقا مۇشۇنداق قىلغانىكەنq2Aئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
 

ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى »نىڭ 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋېرىگە قارىغاندا ئەنگىلىيەنىڭ شىمالىي قىسىمدىكى پىك رايونىدىن شوتلاندىيەگە ماڭغۇچە بولغان ئوتتۇرا يولدا نۇرغۇنلىغان سېھىرلىك «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»لەرنى ئۇچراتقىلىبولىدىغان بولۇپ ، يولدىن ئۆتكەنلەر تاش بىلەن تەڭگە پۇللارنى دەرەخكەمىخلاپ، بۇ ئارقىلىق بالا-قازادىن يىراق تۇرۇشنى تىلەشكەنىكەن.بۇتەڭگىلەرنىڭ ئىچىدە ھەتتا نەچچە يۈز يىل بولغانلىرىمۇ بار ئىكەن.
 

ئەمەلىيەتتە،ئارزۇ تىلەيدىغان بۇ دەرەخلەردىكى نەزىرلىك نەرسىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ كېلىدىغان بولساق نەچچە ئەسىر بۇرۇنقىلىرىمۇ بار. ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر ئىلاھلاشقان دەرەخلەرنى تېپىپ ، ھەرخىل تاتلىق- تۈرۈم ،سوۋغات دېگەندەك بويۇملارنى ئۇنىڭ شاخلىرىغا ئېلىپ ،خۇددى ھازىرقى زاماندىكى روجىستىۋا دەرىخىدەك قىلىپ قوياتتىكەن.بىراق ئەنگىلىيە چاتقاللىقىدىكى بۇنداق تەبىئىي جىپسىلاشقان «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ »لەر بىر قەدەر ئاز تېپىلىدىكەن.
 

ۋېلىشنىڭ Portmeirion يېزىسىدىلا يەتتە دانە «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ »بار بولۇپ،شۇ يەردىكى ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ ۋاستىچىسى مولىگې.جونىس:«بىرىنچى قېتىم ئۇنى بايقىغاندىلا دەرەخ تەڭگە بىلەن توشۇپ كېتىپتىكەن، كىشىلەر بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. مەن بىر قىسىم ماتىرىياللاردىن بۇرۇنقى بەزى كىشىلەرنىڭ ئىلاھى دەرەخكە چوقۇنۇپ ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ئۈچۈن تەڭگە پاتۇرۇش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن دەرەخلەردىنكېسەللىرىنىڭ بالدۇراق شىپا تېپىشى ياكى تىجارىتىنىڭ روناق تېپىپ كېتىشىنى تىلەش ئۈچۈن 18-ئەسىردىن تارتىپلامۇشۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدىم»دېدى. 

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەنگىلىيەدىكى مەلۇم مەيخانىلەرمۇ تىجارىتىنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن تەڭگە پاتۇرۇلغان ياغاچ پارچىسى قويۇپ قويىدىكەن.ئۇنىڭدىن باشقا يەرلىك خەلق ئارىسىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش تىلەك تىلەيدىغان ،مەسىلەن،كۆلچەكنىڭ ئىچىگە تەڭگە تاشلىسا پۇل تېپىشتا ئامىتى كېلىدۇ ۋەياكى بىر جۈپ ئاشىق -مەشۇقلارقەدىمي كۆۋرۈككە« يۈرەكداشلار قۇلپىسى»نى ئاسسا مۇھەببەتلىرى ئۇزۇندىن ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ  دەپ قارايدىغان ئەھۋاللار ھازىرمۇ بار ئىكەن.

 

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش