نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 811 قېتىم كۈرۈلدى
ئاسترونوملار يەنە بىر «دەرىجىدىن تاشقىرى يەر شارى»نى بايقىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -15
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : 65933.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
سۈرەەتتە؛ئاسترونوملار  يېڭى بايقىغان بىر «دەرىجىدىن تاشقىرى يەر شارى»

     [ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-سېنتەبىر خەۋىرى] ئاسترونوملار بۈگۈن قۇياش سىستېمىسى سىرتىدا 50 يېڭى پىلانېتنى بايقىغانلىقىنى، ئۇلار ئارىسىدا يەر شارى بىلەن  ئارىلىقى مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەم سۇ بولۇش ئېھتىمالى بولغان بىر «ئادەتتىن تاشقىرى يەر شارى»نى بايقىغانلىقىنى جاكارلىدى.
     گېرمانىيە خېيدېلبېرگ شەھىرىدىكى ماركس پلانك ئاسترونومىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىسا كارتىنىگ: «تەلىيىمىز كەلسە، بۇ پىلانېت يەر شارىغا ئوخشاش ياشايدىغان ماكانىمىز بولۇشى مۇمكىن»، دېدى.
    «HD85512b» ناملىق بۇ پىلانېت يەر شارىدىن كىچىكرەك ھەم سوغۇقراق بولغان قىزغۇچ سېرىق رەڭلىق تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىكەن. ئۇ جەنۇبىي بوشلۇقتىكى يەلكەن يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 36 نۇر يىلى كېلىدىكەن.
    يېڭىدىن بايقالغان بۇ پىلانېت تۇرغۇن يۇلتۇزنى ھەر 59 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدىغان بولۇپ، «ياشاشقا ماس كېلىدىغان بەلباغ»نىڭ چېتىگە جايلاشقان، ئەگەر ئاتموسفىرا شارائىتى مۇۋاپىق بولسا، ئۇنىڭدا سۇ بۇلۇشى مۇمكىن.
    كارتىنىگ: بۇ پىلانېت تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ياشاشقا ماس كېلىدىغان تېمپېراتۇرىسى ئىللىق چېتىدە بولۇپ، ئۇ سۈيى پارغا ئايلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان(تۇرغۇن يۇلتۇز نۇرىنى قايتۇرىدىغان) يېتەرلىك بۇلۇت قاتلىمىغا ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن، دېدى.
   ئاسترونوملار بۇ يېڭى «دەرىجىدىن تاشقىرى يەر شارى»نىڭ يەر شارىغا ئوخشاش تاغ جىنىسلىرى بىلەن قاپلانغانلىقى ياكى يۇپىتېرغا ئوخشاش گاز بىلەن قاپلانغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ ئاتموسفىرا قاتلىمى بار-يوقلۇقىنى تېخى بېكىتمىدى. ئۇنىڭ ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ 3.5 ھەسسىسىگە باراۋەر. 
     ئاسترونوملار تۇرغۇن يۇلتۇزدىكى يەڭگىل تەۋرىنىشنى كۆزىتىش ئارقىلىق، بۇ پىلانېتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان. تەۋرىنىش سۈرئىتى بىر پىلانېتنىڭ بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنى تارتىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. بۇ خىل «رادىيوس بويلىغان يۈنىلىشتىكى سۈرئەت» تېخنىكىسى ئارقىلىق، چىلىنىڭ كاسېيا رەسەتخانىسىدىكى ئاسترونوملار قۇياش سىستېمىسى سىرتىدا يەنە 50 يېڭى پىلانېتنىڭ مەۋجوتلۇقى ھەققىدىكى ئىسپاتنى بايقىغان.
      بۈگۈن بايقالغانلىقى ئېلان قىلىنغان 50 پىلانېتنىڭ 16 سى(يېڭىدىن بايقالغان «دەرىجىدىن تاشقىرى يەر شارى»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ماسسىسىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ گاز جىسىمدىن ئەمەس، تاغ جىنىسلىرىدىن تۈزۈلگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش