نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 2368 قېتىم كۈرۈلدى
18 نى تۇغۇپ يېرىم ئۆمرى بالا تۇغۇشقا كەتكەن تۇغۇمچان ئايال
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -26
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.ifeng.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلىگراممىسى، بىر نەپەر ئامېرىكىلىق ئايال 22 يىلدىنبېرى 18 بالىنى تۇغۇپ قاتارغا قوشۇپ تەربىيلەپ كېلىۋېتىپتۇ، بۇ ئايال قۇرامىغا يەتكەندىن تارتىپ يېرىم ئۆمرى ھامىلدار بولۇپ بالا تۇغۇشقىلا كەتكەن بولۇپ، «كەسپىي بالا تۇغقۇچى» بولۇپ قالغان.

گەرچە ھازىر بۇلارنىڭ باللىرى بىر چوڭ توپقا ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئايال بىلەن يولدىشىنىڭ يەنە ئىككى بالىلىق بولغۇسى باركەن ۋە شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى ئەڭ زور ئائىلىنى بەرپا قىلماقچىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

كۆپەيتىش شەكلىدىكى تۇرمۇش

كۆپ بالىلىق بولۇش كىشىنى ئوڭايلا ھاردۇرۇپ قويىدۇ، بىراق بېس ئەر-ئايال بۇنداق قارىمىغان. ئۇلار ئائىلە تۇرمۇشىنى «قالايمىقان ئەمما تەرتىپسىز ئەمەس» دەپ سۈپەتلىگەن ھەمدە ھەممە ئىشنى «كۆپەيتىش ئۇسۇلى» تەپەككۇرى بويىچە ئېلىپ ماڭغان.

بېس ئائىلىسىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 372 كۋادرات مېتىر بولۇپ، بەش دانە ياتاق ئۆي بار ئىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئۆينى 8 قىز ئورتاق ئىشلىتىدىكەن. ئۇلارنىڭ يېشى 2 ياشتىن 20 ياشقىچە ئىكەن. چوڭ ئاچىلىرى كىچىك سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل ئىكەن، قىزلار بىر بىرى بىلەن بىرگە ياشىسىمۇ يەنە شەخسى تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىدىكەن.

بېس ئائىلىسىدە جەمئىي 5 دانە كىرئالغۇ بولۇپ، 3 دانە كىيىم قۇرۇتقۇچ بار ئىكەن. ھەر بىر ئۈسكۈنە بىر كۈندە ئەڭ ئاز دېگەندە 3 قېتىم ئىشلىتىلىدىكەن. كىيىم-كېچەك قويۇلىدىغان ئۆيدىكى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سانى نەچچە يۈزدىن ئاشىدىكەن، پايپاقلار بولسا تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ پايپاقلار ئارىسىدىن ئىككى پېيى ئوخشاش پايپاقنى تېپىپ چىقىشمۇ بالىلار ئۈچۈن خېلى بىر مەسىلە ئىكەن.

پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئۈچۈن غىزا تەييارلاشمۇ ئوخشاشلا بىر مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ قالغان. ئاشخانا ئۆيدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇزۇن تاماق ئۈستىلى پۈتكۈل ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىگە يېتىدىكەن. ئەر - ئايال ئىككىيلەننىڭ ئىككىنچى ئوغلى لورسېن ئۆيگە يېمەكلىك سېتىۋېلىشقا مەسئۇل ئىكەن، بۇ 19 ياشقا كىرگەن يىگىت ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم ۋالمارت تاللا بازىرىغا بېرىپ يېمەكلىك سېتىۋالىدىكەن، ھەر قېتىمدا 250 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق چىقىم بولىدىكەن.

پۈتكۈل ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىش ئۈچۈن، بېس ئەر-ئايال ئىككى دانە ماشىنا سېتىۋالغان، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى 15 كىشىلىك ئاپتوبۇس ئىكەن.

تەربىيەلەش مۇۋەپىقىيەتلىك بولدى

بېس ئائىلىسى ئانچە بايمۇ ئەمەس، بالىلارنىڭ ئىچىدە 10 ئادەمنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى يوق، ئائىلىدە تېلىۋېزور ۋە تور يوق. گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، ئەر-ئايال ئىككىيلەن ئەزەلدىن بالىلارغا بولغان تەربىيەنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ باقمىغان.

بېس ئەر-ئايال پەرزەنتلىرى ئىچىدە قۇرامىغا يەتكەنلەردىن بىر قانچىسى بولۇپ، چوڭ ئوغلى زاكىر يېقىندا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىكەن. قىز ئوغۇللىرىنىڭ بىر-بىرلەپ چوڭ بولۇشى ئەر-ئايال ئىككىيلەننى تولىمۇ مەمنۇن قىلىۋېتىپتۇ.

كەيلى بۇ يىل 44 ياش، يولدىشى بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن كۆپ قىسىم ۋاقتى ھامىلدارلىق ۋە بالا تۇغۇش بىلەن ئۆتكەن، جەمئىي 10 قىز ۋە 8 ئوغۇللۇق بولغان، ئەڭ چوڭى 22 ياش، ئەڭ كىچىكى تېخى ئەمدى 11 ئايلىق بوپتۇ. كەيلى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «مەن ھامىلدار بولۇشقا كۆنۈپ قالدىم، ھامىلدار بولسام ئۆزۈمنى تېخىمۇ خۇشال ھېس قىلىدىكەنمەن.»

 

Www.AnAdiyar.Cn

بېس ئەر-ئايال داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە يەنە ئىككى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇش پلانى بارلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇنداق بولغاندا، ئۆيدە 10 ئوغۇل 10 قىز بولىدىكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش