نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 895 قېتىم كۈرۈلدى
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جانلىقلار
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -26
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

يۇقىرى بېسىمغا ئەڭ چىداملىق جانلىق −10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىدا ئىكەن
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر دېڭىز جىلغىسى مارىياننا دېڭىز جىلغىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز سۈيى بېسىمى يەر يۈزى ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ 1000 ھەسسىسىدىن ئاشىدىكەن، لېكىن بۇ يەردە بىر قىسىم غەلىتە بېلىق ۋە راكلار يەنىلا ياشىيالايدىكەن. چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدىكى يۇقىرى بېسىملىق مۇھىتتا ياشاش ئۈچۈن، بۇ چوڭقۇر دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئېلاستىك ھۈجەيرە پەردىسى يېتىلگەن ئىكەن.
 

Www.AnAdiyar.Cn

ئەڭ زور جانلىق −1350 پۇتبول مەيدانىغا باراۋەر كېلىدىكەن
ئامېرىكا ئورېگون ئىشتاتى ماخۇر دۆلەت باغچىسىدا يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئورگانىك جانلىق «گىگانت موگۇ»، دەپ ئاتالغان زىچ ھالقىسىمان زەمبۇرۇغ بار ئىكەن، ئۇ 1998-يىلى بايقالغان. ئۇنىڭ ئىگىلىگەن يېرى 965 گېكتار بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 1350 ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانىغا باراۋەر كېلىدىكەن. ئۆسۈش سۈرئىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ «گىگانت موگۇ» 2400 ياشقا كىرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن ئالىملارنىڭ قىياس قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئەمەلىي يېشى 8650 تىن ئاشىدىكەن. شۇڭا، ئۇ يەر شارىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ جانلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
 

Www.AnAdiyar.Cn

بىردىنبىر ئۆلمەيدىغان جانلىق − ماياكسىمان مېدۇزا
ماياكسىمان مېدۇزا، دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دېڭىز جانلىقى ياشرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت مىللىمېتىردىن بەش مىللىمېتىرغىچە كېلىدىكەن. ئادەتتە، مېدۇزا ئەۋلاد قالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا ئۆلىدۇ. لېكىن ماياكسىمان مېدۇزىنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى يېتىلگەندىن كېيىن، قايتىدىن لىچىنكا ھالىتىگە قايتىپ، ئاندىن داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلىپ، يەنە بىر قېتىملىق ھاياتلىق مۇساپىسىنى باشلايدىكەن. مانا مۇشۇنداق دەۋرلىنىپ مەڭگۈ ئۆلمەسلىك ئۈچۈن، ئۇلار ئالدى بىلەن دېڭىزدىكى باشقا گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ئۆزىنى يېۋىتىشىدىن ساقلانمىسا بولمايدىكەن. ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ماياكسىمان مېدۇزا ھازىرغا قەدەر يەر شارىدا بايقالغان لىچىنكا باسقۇچىغا قايتالايدىغان بىردىنبىر جانلىق ھېسابلىنىدىكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش