نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 684 قېتىم كۈرۈلدى
كېپىنەكنىڭ تۈس ئۆزگەرتەلىشىنىڭ سىرى ئېچىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -26
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

تەبىئەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن كېپىنەك تۈس ئۆزگەرتىش ماھارىتىگە تايىنىپ كۈشەندىلىرىدىن دالدىلىنىدۇ. ئەڭ يېڭى بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كېپىنەكنىڭ تۈس ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى ئۇنىڭ تېنىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى گېن توپىغا باغلىق بولىدىكەن.
ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ 8-ئايدا نەشردىن چىققان «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسىدە ئېيتىشىچە، ئۇلار تىروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئىقلىم ئورمىنىدا ياشايدىغان بىر خىل كەندىر كېپىنىكىنى تەتقىق قىلغان. بۇنداق كېپىنەك ئوۋچى قۇشلارغا ئولجا بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن قانىتىدىكى گۈللىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەمى ناچار كېپىنەكلەرنىڭ سىياقىغا كىرىۋالالايدىكەن.
تەتقىقاتچىلار بۇ كېپىنەكنىڭ تېنىدىكى خىروموسوما تەرتىپىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قاتارىدىكى بىر خىل خىروموسومانىڭ كۆپ خىل ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكىنى، ھەر خىل ئۆزگىرىش گۇرۇپپىسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى گېن توپى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان. كېپىنەكنىڭ قانىتىدىكى گۈللىرىنى ئۆزگەرتىشى، يەنى تۈس ئۆزگەرتىشى مانا مۇشۇ دەرىجىدىن تاشقىرى گېن توپىغا باغلىق بولىدىكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش