250x250
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 120 قېتىم كۈرۈلدى
ئابباس جۇڭگونىڭ پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى قوللىغانلىقىغا يۇقىرى باھا ..

 

Www.AnAdiyar.Cn

پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس 25-ئاۋغۇست جۇڭگونىڭ پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى قوللىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.
ئابباس 25-ئاۋغۇست ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىدىكى رامئالاھ شەھىرىدە زىيارەتكە كەلگەن جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ۋۇ سىكې بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ئابباس ۋۇ سېكېغا پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى تونۇشتۇردى.
ئابباس جۇڭگونىڭ پەلەستىننىڭ 1967-يىلىدىكى چېگرا لېنىيەسى بويىچە دۆلەت قۇرۇش قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئىزچىل قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.
بۇ، ۋۇ سىكېنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە رايونىنى ئىككىنچى قېتىم زىيارەت قىلىشى. ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە، مىسىر ۋە فرانسىيەنى زىيارەت قىلىدۇ.
 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى : www.uycnr.com
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -26 يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776