نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 1809 قېتىم كۈرۈلدى
2011-يىلىدىكى روزا ھېيىتلىق دەم ئېلىش ۋاقتى ئېلان قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -25
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

  8-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىش بېجىرىش ئورنى «2011-يىلىدىكى روزا ھېيىتلىق دەم ئېلىش ۋە 9-ئاينىڭ 1-كۈنكى دەم ئىلىشنى تەڭشەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» چىقارغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا 8-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنۋى بايرىمى-روزا ھېيىت بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى دېيىلگەن.

9-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش كۈنى بولغاچقا، تۇنجى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 3-كۈنى (شەنبە) دىكى ئومۇمىي دەم ئېلىش كۈنى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگە ئۆزگەرتىلىدىكەن، 9-ئاينىڭ 3-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدىكەن، 9-ئاينىڭ 4-كۈنى (يەكشەنبە) ئادەتتىكىدەك دەم ئېلىنىدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا، ھېيىت مەزگىلى ۋە ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، ھەر قايسى رايون، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ نۆۋەتچىلىك، بىخەتەرلىكنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۆڭۈلدىكىدەك، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېغىر، چوڭ ۋە تۇيۇقسىز ۋەقە يۈز بەرسە، ئۇنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ ھەم مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھېيىت ۋە دەم ئېلىش مەزگىلىنى بىخەتەر ۋە خوشال ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش