نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 767 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا ئەيدىزنى 15 مىنۇت ئىچىدە تەكشۈرۈپ چىقىدىغان ئەسۋاپ كەشىپ قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -25
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : خەلقئارا لىنىيە تورى

 

Www.AnAdiyar.Cn

mChip نىڭ ئاساسلىق كەشىپ قىلغۇچىسى سامىيۇر دوكتور

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، پەقەت ئىناۋەت كارتىسى چوڭلۇقىدىكى مىكرو قان تەكشۈرۈش ئەسۋابى يېقىندا دۇنياغا كەلگەن، ئۇ 15 مىنۇت ئىچىدە ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈپ چىقرالايدىكەن، شۇنداقلا توغرىلىق نىسبىتى %100 كە يېقىنكەن. بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك پەن-تېخنىكا كەشپىياتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە قاتتىق قارشى ئېلىنغان.

بۇ خىل پىلاستىك ماتېرىيالدىن ياسالغان قان تەكشۈرۈش ئەسۋابى mChip دەپ ئاتىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى تەتقىق قىلىپ چىققان. ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى پەقەت بىر ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ھازىرقى ھەر قانداق ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن تۆۋەن. mChip نىڭ 10 ئىندۇكسىيە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پەقەت ئوكۇل ئۇچى ئاز مىقداردا قان ئالسىلا 15 مىنۇت ئىچىدە HIV ۋىرۇسى ياكى سىفلىس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقالايدۇ. بۇ قان تەكشۈرۈش ئەسۋابى تۇغۇت تەكشۈرۈش تاياقچىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، رەڭ ئارقىلىق مەنپىي ياكى مۇسبەتلىكىنى ئايرىيدۇ ھەم بىر قاراپلا نەتىجىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. 

 

رۋاندادا نەچچە يۈز ئادەم ئۈستىدە HIV ۋىرۇسى ياكى سىفلىس سىنىقى ئېلىپ بارغاندا، mChip نىڭ توغرىلىق نىسبىتى %100 كە يېقىنلاشقان.

mChip نىڭ ئاساسلىق كەشىپ قىلغۇچىسى سامىيۇر دوكتور بۇ ئەسۋابنى ئىشلىتىشنىڭ ناھايىتى ئەپلىكلىكى، دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقى شۇنداقلا ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ نەتىجىسىنى كۈتۈشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. بۇ خىل ئىگىلەيدىغان ئورنى كىچىك، ئىشلىتىش تەننەرخى تۆۋەن، تەكشۈرۈش جەريانى تېز، تەكشۈرۈشتىكى توغرۇلۇق دەرىجىسى يۇقىرى ئەسۋاب دۇنيادىكى كەمبەغەل رايونلارنىڭ داۋالاشتىكى قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چوڭ تۆھپە قوشتى.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش