نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1522 قېتىم كۈرۈلدى
رۇسىيەدىكى بىر شىركەت ئالەم بوشلۇقى مېھمانخانىسى سالماقچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -25
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئارام كۈنلىرىڭىزنى ئادەم بىلەن تولۇپ كېتىدىغان دېڭىز ساھىلىدە ئۆتكۈزۈشتىن بىزار بولغان بولسىڭىز، چەكسىز ئالەم بوشلۇقىدا تىنچ مۇھىتتىن ھۇزۇرلانغۇڭىز كېلىۋاتامدۇ؟ بۇ ئارزۇيىڭىز يەنە بەش يىلدىن كېيىن روياپقا چىقىشى مۇمكىن.

رۇسىيەدىكى بىر شىركەت يېقىندا يەر يۈزىدىن 217 مىل(347 كىلومېتىر) ئېگىزلىكتىكى ئوربىتىدا يەتتە كىشى سىغىدىغان، تۆت ياتاقلىق ئالەم بوشلۇقى مېھمانخانىسى سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پىلان بويىچە، ساياھەتچىلەر رۇسىيەنىڭ «ئىتتىپاق» ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئىككى كۈن ئۇچۇپ، بەلگىلەنگەن ئوربىتىدىكى مېھمانخانىغا چۈشۈپ بەش كۈن تۇرىدىكەن. بىراق ئالەم بوشلۇقى مېھمانخانىسىغا چىقىش ئۈچۈن يەتكۈدەك پۇلىڭىز بولۇشى كېرەك، چۈنكى پۈتكۈل سەپەرگە 942 مىڭ دوللار كېتىدىكەن، بۇ، 157 مىڭ دوللار ياتاق ھەققى ۋە 785 مىڭ دوللار «قاتناش ھەققى»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

بۇ مېھمانخانا 2016-يىلى تىجارەت باشلىماقچى. بۇ مېھمانخانىنى سالماقچى بولۇۋاتقان رۇسىيە ئوربىتا تېخنىكىسى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سېرگېي كوستېنكو: «ئۇ يەردە سىز ئۆزىڭىزنى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئەمەس، بەلكى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەقىقىي ساياھەتچىدەك ھېس قىلىسىز»، دېدى.

بۇ ئالەم بوشلۇقى مېھمانخانىسىنىڭ يېمەكلىكلىرى يەر شارىدا تەييارلىنىپ ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىلىدىكەن، مېھمانلار بۇنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئىسسىتىپ يەيدىكەن. مېھمانلار يېپىق مۇنچىدا يۇيۇنىدىكەن.

مېھمانلار ئارزۇسى بويىچە تۈز يېتىپ ئۇخلىسىمۇ ياكى ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلىسىمۇ بولىدىكەن. مېھمانخانا يەر شارىنى ئايلىنىۋاتقان ۋە ئېغىرلىقنى يوقاتقان ئەھۋالدا، كىشىگە ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلاش بىلەن تۈز يېتىپ ئۇخلاشنىڭ ھېچقانچە پەرقى يوقتەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.

ساياھەتچىلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقى مەنزىرىلىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ئالەم بوشلۇقى مېھمانخانىسىنىڭ دېرىزىسى يوغان لايىھەلىنىدىكەن ھەم تېلېسكوپ ۋە فوتو ئاپپاراتلار سەپلىنىدىكەن. يەر شارىدىكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالەم بوشلۇقى ساياھەت يېتەكچىسى گۇرۇپپىسىدىن تەشكىللەنگەن كەسپىي خادىملار ساياھەتچىلەرگە باشتىن-ئاخىر ھەمراھ بولىدىكەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش