نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 946 قېتىم كۈرۈلدى
ئىرانلىق قىز يۈزىنى ۋەيران قىلغان قاتىلنى كەچۈرۈۋەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -24
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئىرانلىق ئەر مەجىد مۇۋاھىت قىز ساۋاقدىشى بەھرامغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ، ماقۇللىقىنى ئالالمىغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ يۈزىگە سۇلفات كىسلاتاسى چېچىپ ئۆچ ئالىدۇ، بەھرامنىڭ يۈزى ۋەيران بولۇپ، ئىككى كۆزىدىن ئايرىلىدۇ، ئىران سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇۋاھىتنىڭ ھەربىر كۆزىگە 20تېمىم سۇلفات كىسلاتاسى تېمىتىش جازاسى ھۆكۈم قىلىدۇ، لېكىن ھۆكۈم ئىجرا قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتىدا، بەھرام ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغان بۇ قاتىلنى كەچۈرۈشنى قارار قىلىدۇ. ئۇنداقتا بەھرام نېمە ئۈچۈن جىنايەتچىنى جازالاش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىدۇ؟ ئۇ ھازىر يەنە نېمىلەرنى ئارزۇ قىلىدۇ؟

2002-يىلى، 24ياشقا كىرگەن بەھرام ئالىي مەكتەپتە ئۆزىدىن بىر ياش چوڭ مۇۋاھىت بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ.

2004-يىلى، مۇۋاھىت بەھرامنى نەچچە ئاي ئىز قوغلاپ يۈرگەندىن كىيىن، بىر ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپى قويىدۇ، لېكىن بەھرامنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. تەلىپى رەت قىلىنىپ غەزەپلەنگەن مۇۋاھىت بەھرامنىڭ يۈزىگە ئالدىن تەييارلاپ قويغان سۇلفات كىسلاتاسىنى چاچىدۇ، بەھرام دەرھال چىرقىراپ يەرگە يىقىلىدۇ.

بۇ ئىشتىن كىيىن، بەھرامنىڭ يۈزى پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، شۇنداقلا ئىككى كۆزىدىن ئايرىلىدۇ، بەدىنىنىڭ كۆپ قىسمى يارىلىنىدۇ. ئارقىدىن ئۇ ئىسپانىيەدە ئۇزۇن بىر مەزگىل داۋالىنىپ، ھازىرغا قەدەر 19 قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولسىمۇ، يۈزى ۋە بەدىنىدە يەنىلا ساقايتقىلى بولمايدىغان جاراھەت ئىزى قىلىپ قالىدۇ.

سوتنىڭ ھۆكۈمىتى: قانغا قان، جانغا جان ئېلىش

بەھرام مۇۋاھىت ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنىدۇ. سوت ئەڭ ئالدىدا، مۇۋاھىتقا بەھرامغا 200مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىش، تۈرمىگە قاماش ھۆكۈمى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن بەھرام بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماي: ماڭا تۆلەم كېرەك ئەمەس، ئۇ ماڭا شۇنچىلىك ئازاب ئىلىپ كەلدى، ئەمدى بۇ ئازابنى ئۇ ئۆزىمۇ تېتىپ كۆرسۇن دەيدۇ.

2009-يىلى، ئىران سوت مەھكىمىسى قەدىمىي خاممۇراپى قانۇنىدىكى «قانغا قان، جانغا جان ئېلىش» بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بەھرامنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئۇنىڭغا 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇۋاھىتنىڭ ھەربىر كۆزىگە 20 تېمىم سۇلفات كىسلاتاسى تېمىتىش ھوقۇقى بىرىدۇ.

سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، بەھرام ھاياجانلانغان ھالدا: مەن ئەڭ ئاخىرى ئادىل ھۆكۈمگە ئېرىشتىم دەيدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ تاللىشىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرىدۇ: مەن ئۆز قولۇم بىلەن سۇلفات كىسلاتاسىنى ئۇنىڭ كۆزىگە تېمىتىمەن، مۇشۇ ئارقىلىق سۇلفات كىسلاتاسى بىلەن باشقىلارنى ۋەيران قىلماقچى بولغان يامان نىيەتلەرگە قاتتىق بىر ئاگاھلاندۇرۇش بىرىمەن.

«قانغا قان، جانغا جان ئېلىش»تا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، بەھرام بۇ بىر قانچە يىلدا نەچچە قېتىم باشقىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ، ساقچىلار ھەتتا بىر مەھەل ئۇنى يالغۇز سىرتقا چىققىلى قويمايدۇ.

بۇ يىل 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىشنىڭ ئالدىنقى بىر كۈنىدە، مۇۋاھىتنىڭ ئانىسى ئوغلى ئۈچۈن بەھرامنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوغلىغا كەڭچىلىق قىلىشىنى ئۆتۈنىدۇ.
بەھرام مۇنداق دەيدۇ: مۇۋاھىتنىڭ ئانىسى ماڭا تېلېفون قىلىپ، ئەگەر ئوغلۇمنىڭ كۆزىنى ساقلاپ قالغىلى بولسا، بۇندىن كىيىن مەن سىلەرگە نېمە قىلىپ بەرسەم مەيلى دېدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا ئىچ ئاغرىتقان بولساممۇ، لېكىن ھازىر بەك كېچىكتى، مەن يەتتە يىل ئازاب ئىچىدە مۇشۇ كۈننى كۈتتۈم، ئادالەت ئەڭ ئاخىرى يېتىپ كەلدى. مۇۋاھىت ئىككىلىمىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئايلاندۇق، ئەمدى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئازابنى تېتىپ كۆرىدۇ.

لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىجرا قىلىنماقچى بولغان جازا 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگە كېچىكتۈرۈلدى، بەھرام يەنە داۋاملىق كۈتۈشكە باشلىدى.

 

Www.AnAdiyar.Cn

مەن ئۇنى كەچۈرۈۋەتتىم، بۇ مىنىڭ ھوقۇقۇم

7-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇۋاھىت دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىلىنىدۇ، بىر كۆز دوختۇرى ۋە سوتنىڭ بىر ۋەكىلى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، جازانىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۈتىدۇ. جازا ئىجرا قىلىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتىدا، بەھرام تۇيۇقسىز مۇۋاھىتنى كەچۈرۈۋېتىدۇ.

ئارقىدىن بەھرام مۇنداق دەيدۇ: يەتتە يىلدىن بۇيان، مەن ئىزچىل سۇلفات كىسلاتاسى بىلەن باشقىلارنى زەخىملەندۈرگەن جىنايەتچى چوقۇم كۆزىدىن ئايرىلىشى كېرەك دېگەن ھەقىقەت ئۈچۈن تېرىشىۋاتقان ئىدىم. لېكىن بۈگۈن مەن ئۇنى كەچۈرۈۋەتتىم، چۈنكى بۇ مىنىڭ ھوقۇقۇم، مىنىڭ بۇنداق قىلىشىم ۋەتىنىم ئۈچۈن، چۈنكى پۈتۈن دۇنيا بىزگە كۆز تىكىۋاتىدۇ، بىزنىڭ بۇ ۋەقەنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغىنىمىزغا قاراۋاتىدۇ، مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلىمىغان، پەقەت قانۇننىڭ بۇنداق جىنايى ھەرىكەتكە قاتتىق جازا قوللىنىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم. لېكىن ھازىر مەن بۇنداق قىلىشتىن ۋاز كەچتىم، مەن ئۇنىڭ كۆزىدىن ئايرىلىشىنى خالىمايمەن.

سوتچى دۇلاتتا بەھرامنىڭ مۇۋاھىتنى كەچۈرۋەتكەنلىكى ناھايىتى چوڭ باتۇرلۇق دەپ باھا بەردى. سوتچى مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر بەھرام ئۇنى كەچۈرۈۋەتمىسە، مۇۋاھىت چوقۇم كۆزىدىن ئايرىلاتتى، چۈنكى بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى.

ھازىر، بەھرام مۇۋاھىتتىن تۆلەم تەلەپ قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن پەقەت ئۇنىڭ ماڭا مىليون 900مىڭ يۈەن داۋالىنىش پۇلىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن، ھازىرغا قەدەر مەن ئۇنىڭدىن بىر پۇڭ پۇل ئىلىپ باقمىدىم.

ھازىر مۇۋاھىتنىڭ تۈرمىگە كىرگىنىگە يەتتە يىل بولدى، گەرچە ئۇ جازادىن ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە داۋاملىق ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە تۈرمىدە يېتىشى مۇمكىن، ئۇ يەنە بارلىق تۆلەمنى تۆلەپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرالايدۇ.

بەھرامنىڭ ئانىسى مۇنداق دېدى: مەن قىزىمدىن پەخىرلىنىمەن، بەھرام مۇۋاھىتنى قەيسەرلىك بىلەن كەچۈرۈۋەتتى، ھازىر ئۇ ۋە بىزنىڭ ئائىلىمىز تىنچلىققا ئېرىشتى.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش