نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 965 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكىدا بىر بوغۇزلىۋېتىلگەن خوراز 18 ئاي ھايات يۈرگەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -22
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان، ئەمما ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن بىر ئىش. بۇ دەل باشسىز خوراز مايىك (1945-يىلى 4-ئاي --1947-يىلى 3-ئاي). ئۇنىڭ بېشى كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە 18 ئاي ھايات يۈرگەن. دەسلىپىدە نۇرغۇن كىشىلەر «بۇ بىر ئالدامچىلىق، نەدىمۇ مۇنداق ئىش بولسۇن، بوينى ئۈزۈلگەن نەرسىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىدىغان تۇرسا»دەپ بۇنىڭدىن گۇمان قىلىشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئورنى سولت لېيكغا جايلاشقان يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئېلىپ بېرىپ ئىلمىي تەكشۈرتكەندىن كېيىن، بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىگە، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ كۆز بويامچىلىق ياكى باشقىلارنى قەستەن ئىشەندۈرۈش ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن.
 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
1945-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى يەنى دۈشەنبە، كولورادو شىتاتىتىنىڭ فرۇئىتادىكى دېھقان لويىد ئولسېن قېيىن ئانىسىنىڭ بىللە غىزالىنىش زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئايالى چوڭلارغا بەش دانە چوڭ خورازنى سوۋغا سۈپىتىدە ئېلىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسى توخۇنىڭ بوينىنى يېيىشكە بەك ئامراق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ توخۇنى بوغۇزلىغان ۋاقىتتا تاسادىپىيلا خورازنىڭ بىر قۇلىقى ۋە كۆپ قىسىم مېڭە غولىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. بوغۇزلىغاندىن كېيىن، مايىكنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى كەسكىن بولغان.ئۇ بوينى ئۈزۈۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ خېلى ئۇزۇنغىچە نورمال مېڭىپ، تاقلاپ يۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئادەتتىكى نورمال خورازلارنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيتتى. ئەمما ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ قىيىن بولغان نەرسە، ئۇ كۆرۈش سەزگۈسىدىن تامامەن ئايرىلغانىدى. ئۇ توپ ئىچىدە نەگە بېرىشنى، كىمگە ئەگىشىشنى بىلمەيتتى. ئەمما ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى بوينى ئۈزۈۋېتىلگەن تۇنجى كۈنى كەچتە ئۇ كەمتۈك بوينى سوزۇپ، قاناتلىرىنى كەرگىنىچە ئۇيقۇغا كەتكەن. بۇ خىل كۆرۈنۈش ئولسېننى قاتتىق تەسىرلەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ئاماللارنى قىلىپ مايىكنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مايىك قېيىن ئانىنىڭ تەخسىسىدىكى مەززىلىك قورۇما بولۇشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
ئولسېن باشسىز مايىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانچە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەھۋالى يامانلىشىپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇ شۇنداقتىمۇ تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتمايدۇ، ئۇ ئىلگىرىكىدەك مەلۇم نىشانغا ئەمەس، بەلكى قالايمىقان مېڭىپ يۈرىدۇ، ھارغان ھامان دەم ئالىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ بەزىدە خۇددى تۇمشۇقلىرى بىلەن تۈكلىرىنى تاراپ قويماقچى بولغاندەك، بويۇنلىرىنى ئىككى تەرىپىگە سوزۇپمۇ قويىدۇ. ئەمما ئۇ بۇندىن قىلىشتىن، يەنى رەتسىزلىشىپ كەتكەن تۈكلىرىنى رەتلەشتىن تامامەن مەھرۇم قالغانىدى. مايىك ئۆلمىگەندىن كېيىن ئولسېن ئۇنىڭ ھالىدىن مەڭگۈ خەۋەر ئېلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ كېيىن ئۇ مايىكقا قوناق، گۈرۈچ قاتارلىقلارنى بەردى. ئۇ مەزكۇر نەرسىلەرنى مايىكنىڭ بوغۇزىغا ئۆزى كىرگۈزۈپ قوياتتى.
گەرچە مايىكنىڭ بويى بىر ۋاخ تاماق ئۈچۈنلا ئۈزۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا باشقا خورازلاردەك ئېگىزدىكى توخۇ قەپىسىگە يېقىلىپ كەتمەي چىقالايتتى. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈچى كەلمەيدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى، ئۇ چىللىيالايىتتى. ئەمما ئۇنىڭ بېشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاۋازى بىر ئاجىز ھەم بوش چىقاتتى. ئۇ باشقا خورازلاردا يۇقىرى ئاۋازدا زىل قىلىپ چىللىيالايىتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كەتمەستىن، بەلكى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېشىپ كەتكەنىدى. ئولسېننىڭ ئېيتىشىچە، بوغۇزلىنىشتىن بۇرۇن مايىكنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 2.5 قاداق ئىكەن، ئۇنىڭ بوينى ئۈزۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى سەككىز قاداققا يەتكەن.
 
 
Www.AnAdiyar.Cn

 

بوغۇزلانغاندىن كېيىنمۇ يەنە ھايات يۈرگەن مايىكنىڭ بۇ ھېكايىسىنى ئۇزۇن-ئۆتمەي ناھايىتى كەڭ تارقىلىدۇ، بۇنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كىشىلەر ھەيران بولۇشۇپ ياقىلىرىنى چىشلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساق ۋاقتىدا ئىككى -ئۈچ مېكىياننى كەينىگە سېلىپ يۈرىدىغان ئاددىي ساددا ياشاپ كەلگەن مايىك بۇ ۋاقىتلاردا بىراقلا نام چىقىرىپ، ئۇنى كۆرگەزمە قىلىدىغان بىر مەخسۇس شىركەت قۇرۇلىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دائىملىق قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ. مايىكنىڭ خوجايىنى ئولسېن نۇرغۇنلىغان ھايۋاناتلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئادەمگە ئايلىنىدۇ، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ لەنىتىگە قالىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا ئىشلار پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ، كىشىلەر مايىكنى كۆرۈش ئۈچۈن، مايىكنىڭ «ھۇجرىسى»غا 25 سىنىت تۆلەپ كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئولسېن مايىك ئارقىلىق ھەر ئايدا 4500 ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلالايدىغان غوجىدارىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ جايدا مايىك بىلەن بىر خوراز بېشى بىرگە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. بۇ مايىكنىڭ ئۆز بېشى ئەمەس ئىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بېشى ئاللىبۇرۇن مۈشۈككە يەم بولۇپ كەتكەنىدى.

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
1947-يىلى 3-ئاي مايىك ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى بولۇپ قالىدۇ. مايىك ماشىنا ئورنى فېنىكسغا جايلاشقان ماشىنا سارىيىدا سەييارە كۆرگەزمە قىلىنغاندا، مايىكنىڭ شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى ئۇنىڭ يارا ئېغىزىنى توسۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مايىكنىڭ بۇ ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ئامالسىز قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مايىكنىڭ ھەقىقىي ئۆلگەنلىكىنى پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئادەم ئولسېنلا بىلەتتى. ئولسېننى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، ئۇنى بىرىگە يۇقىرى باھادا سېتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلاپ، باشقىلارنى ئالدىغان. ئۇ شۇ ۋاقىتتا راستىنىلا ئۆلگەنىدى. ئۇنىڭ سەييارە كۆرگەزمە قىلىنىشى توغرىسىدىكى ئەپقاچتى گەپلەر تاكى 1949-يىلىغىچە كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن چۈشمىگەنىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، مايىك ئۆلگەندىن كېيىن، ئاناتومىيە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەگەر پىچاق بويۇندىكى ۋېنا قان تومۇرىنى كېسىۋەتكەن بولسا ئۇ ھالدا مايىك قانسىراپ ئۆلۈپ كەتكەن بولار ئىكەن. گەرچە ئۇنىڭ بېشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۈزۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمما ئۇنىڭ بىر قۇلىقى ۋە بىر قىسىم مېڭە غولى بەدىنىدە قىلىپ قالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇلار ئۇنىڭ باشقا ئورگانلىرىغا ۋاقىتلىق قوماندانلىق قىلغان.
بۇ ئىشتىن كېيىن مايىك ھازىرقى كولورادو شتاتى فرۇئىتا شەھىرىنىڭ ئوبراز ھايۋىنى بولۇپ قالغان. 1999-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 3-يەكشەنبە كۈنى «باشسىز مايىك كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن.
 
 
Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش