نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 705 قېتىم كۈرۈلدى
فېدېل كاستېرو
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -21
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 6-قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بۇ يىل 16-ئاپرېل ھاۋانادا ئېچىلغاندىن كېيىن، 85 ياشلىق كاستېرو پېنسىيەگە چىقىپ، ئىنىسى رائۇل كاستېرو ئۇنىڭ ئورنىغا چىقتى.

فېدىل كاستېرو 1926-يىلى 13-ئاۋغۇست تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئىدى. ئۇ 13 يېشىدا دادىسىنىڭ ياللانما دېھقاننى خورلىغانلىقىغا قارشى چىقىپ، ئىشلەمچىلەرنى ئىش تاشلاشقا دەۋەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، دادىسىدىن قاتتىق تاياق يېگەن. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى تاماق شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىشقا ئۈندىگەن. ئىنىسى رائۇل كاستېرو ئۇنى سۈپەتلەپ: «ئاكامنىڭ ئاچچىقى ناھايىتى يامان ئىدى. ئۇ كۈچلۈكلەرنى ياقتۇرىدۇ، بۈگۈنى تاياق يېسە، ئەتىسى يەنە ئېلىشىدۇ، ھەرگىزمۇ بولدى قىلمايدۇ» دېگەن. كاستېرونى تىلغا ئالغاندا، ئۇنىڭ بۈدۈر ساقىلى، ھەربىي فورمىسى ۋە ئۇنىڭغا 44 يىل ھەمراھ بولغان سىگارتىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. چۈنكى، بۇلار كاستېرونىڭ مۇھىم بەلگىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ساقال كاستېروغا سالاپەت ۋە سۈر ئاتا قىلغان. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ساقال قويۇشى باشقا مەقسەتتىن ئەمەس. ئۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ: «ساقال ئېلىشقا يىلدا 90 سائەتچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتقا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك» دېگەن.

كاستېرو مەيلى ئىشخانا ياكى دوستىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارسۇن، ھەر ۋاقىت ھەربىي فورما كىيىشنى ئۇنتىمايدۇ، ئۇ: «ھەربىي فورما كىيسەم، ئۆزۈمنى ئىنتايىن ئەركىن ھېس قىلىمەن. گالىستۈك تاقاش ھاجەتسىز» دېگەن. كۇبانىڭ سىگارتى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، كاستىرو بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئوبراز ۋەكىلى. ئۇ 15 يېشىدا سىگارت چېكىشنى باشلىغان. ئۇ ئىلگىرى كۈندە ئون تال سىگارت چېكەتتى، بىراق يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، سىگارت چېكىشنى ئازايتىپ، 1985-يىلى تاشلىۋەتتى.

كاستېرو كىتاب ئوقۇشنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ ئادەتتە سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيەگە ئائىت كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇيدۇ. ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىنتايىن ئالدىراش ئۆتكەن بولسىمۇ، كىتاب ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ بىر تالانتلىق ناتىق. ئىنىسى 75 ياشلىق رائۇل كاستېرو ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىز باسارى. كاستېرو مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىرەرسى مەندىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتسىڭىز، كىم ئورنىڭىزدا ئولتۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ؟ دەپ سورىسا، مەن ئىككىلەنمەيلا ئىنىم رائۇل كاستېرو ئەڭ ياخشى نامزات دەيمەن، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن رەھبەرلىك تەجىربىسى مول».

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
ئالدىنقىسى : دۇنيادىكى تىللار

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش