نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 2421 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكىدىكى 19 ياشلىق ئوغۇلنى قان شورىغۇچى شەپەرەڭ چىشلەپ ئۆلتۈرۈۋەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -13
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

سىنا تورى خەۋىرى، ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ 11-ئاۋغۇست، مېكسىكىدىن كەلگەن بىر ياشنى قان شورىغۇچ شەپەرەڭ چىشلىۋېلىپ، غالجىر كېسىلى بىلەن قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بۇ ياش بۇ يىل 19 ياش بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى يۇرتى مېكسىكىنىڭ مىكخاكان شتاتىدا قان شورىغۇچ ئۇنىڭ ئوشۇقىنى چىشلىۋالغان. 10 كۈندىن كېيىن ئۇ ئامېرىكىنىڭ لىيۇسىيانا شتاتىغا كېلىپ بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا شېكەر قومۇشى يىغقان. بۇ ياشتا ئاۋۋال چارچاش، مۈرىسى تېلىش، سول قولى ئۆسۈش ۋە سول كۆزى ساڭگىلاش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇ سىرتقى غىدىقلاشقا بولغان سېزىمىنى يوقاتقان، كۆز قارىچۇقى يوغىناپ كەتكەن، يۈرەك سوقۇشى ئاستىلاپ كەتكەن، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭدا چوڭ مېڭە ياللۇغى پەيدا بولغان.
يۇلۇن سۇيۇقلۇقى ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ بالىنىڭ غالجىر كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئىسپاتلانغان. مېڭە تەسۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان. ئۆيىدىكىلەرنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ، بۇ بالا ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كەتكەن.
سەھىيە ئورۇنلىرى، كۆپچىلىكنى قان شورىغۇچ شەپەرەڭنىڭ چىشلىۋېلىشىدىن ساقلىنىشقا ، مۇمكىن بولسا غالجىر كېسىلى ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇشقا چاقىرغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش