نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 699 قېتىم كۈرۈلدى
يەرشارىدىكى ئەڭ غەلىتە رەڭلىك جانلىقلار
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :
قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك قىسقا كالپۇكلۇق تىمساھ
   ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى Sylvia Mythen ئىسىملىك 70 ياشلىق موماي قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك قىسقا كالپۇكلۇق بىر تىمساھنى بايقىغان. ئېيتىلىشىچە، بۇ دۇنيادا تۇنجى قېتىم بايقالغان مۇشۇ خىل رەڭلىك قىسقا كالپۇكلۇق تىمساھ ئىكەن. موماي ئۆيىگە قايتىش يولىدا ئۇنى بايقاپ قالغان بولۇپ، دەرھال سۈرەتكە تارتىۋالغان ھەم بىر بىئولوگ بىلەن ئالاقىلەشكەن. لېكىن ئۇ بىئولوگ تىمساھ ئالبىنىزم (ئاقىرىش كېسەللىكى) غا گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپلا جاۋاب بەرگەن. بىراق، فىلورىدا ئىشتاتلىق بېلىق تۈرى ۋە ياۋايى جانلىقلارنى قوغداش – بېقىش كومىتېتىدىكى Gary Morse بۇ خىل ئەھۋال مەلۇم مۇھىت ئامىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.
سۆسۈن رەڭ ئېيىق
   سىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ھايۋاننىڭ بىر شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى (ئاق ئېيىق) ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز؟ بۇ رەڭگى ئاق بولمىغان شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى. ئۇنى ئارگېنتىنادىكى مېندوزا شەھەرلىك ھايۋانات باغچىسى بېقىۋاتىدۇ. ھايۋانات باغچىسىنىڭ ئالاقىدار باشقۇرغۇچىلىرى ئۇنىڭ تېرە كېسەللىكىنى داۋالىغان، ئەمما كېيىن بۇ شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى مۇشۇنداق سۆسۈن رەڭگە كىرىپ قالغان.
ئاگاما (agama)
   بۇ ئۇچار دىنوزاۋر ئائىلىسىدىكى بىر خىل كەسلەنچۈك بولۇپ، ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنى ئەرمەك ھايۋان سۈپىتىدە بېقىۋاتىدۇ. تېرىسىنىڭ رەڭگى ئۇنى ‹‹ئۆمۈچۈك پالۋان›› غا ئوخشىتىپ قويغان. ئۇ ئەسلىدە كىنىيەدە ياشايدىغان بولۇپ، ئىنتايىن ياخشى ئەرمەك ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى لايىقىدا كۆندۈرۈلسە، بۇ كەسلەنچۈك ئىنتايىن رايىش بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار 1 ديۇيم ئۇزۇنلۇققىچە چوڭىيالايدۇ، ئاساسلىقى چېكەتكە، قارا چېكەتكە، ئۇن قۇرتى قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. ئۇلار تور توقۇيالمايدۇ، لېكىن رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ (ئەركىكى كېچىدە چۆچۈپ كەتسە قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ)، يەنە ئارقا پۇتىغا تايىنىپلا ماڭالايدۇ ھەم ئۆمۈچۈككە ئوخشاش تىك تامغا يامىشالايدۇ.
دېڭىز قۇلۇلىسى
   بۇ كارب دېڭىزى رايونىدا ياشايدىغان بىر خىل دېڭىز قۇلۇلىسى. سىز كۆرۈپ تۇرغان بۇ كۆركەم رەڭلەر دېڭىز قۇلۇلىسىنىڭ قېپى ئەمەس، بەلكى نېپىز بىر قەۋەت پەردە توقۇلمىسى. بۇ توقۇلما دېڭىز قۇلۇلىسىنىڭ پۇتى بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، پۈتۈن قېپىنى ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇ خۇددى بېلىقنىڭ ساقىقىغا ئوخشاش نەپەسلىنىشكە ئىشلىتىلىدۇ. دېڭىز قۇلۇلىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، بۇ نېپىز توقۇلما قورۇلۇۋالىدۇ ھەم رەڭگىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ.
دەرەخ چېكەتكىسى
   ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ھاشاراتلار ئانچە كۆزگە چېلىقمايدۇ. لېكىن دەرەخ چېكەتكىسى ئۇنداق ئەمەس، ئۆزگىچە ھال رەڭگى ئۇنىڭغا سىرلىق تۈس بېغىشلىغان. دەرەخ چېكەتكىسى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسىم رايونلىرىدا ياشايدۇ. تەھلىل قىلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ خىل رەڭگى تېنىدىكى ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل قىزىل رەڭلىك ماددا چۆكمىسىدىن ھاسىل بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
جۇڭگو سۇقسۇرى (قوشماق ئۆردەك)
   بۇنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئامېرىكا قىتئەسى ئۆردىكى بىلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بار. ئەركەك سۇقسۇرنىڭ تۇمشۇقى قىزىل رەڭلىك بولۇپ، كۆز قۇيرۇقىدا ھىلال ئايسىمان ئاق ئىز بار، كۆزى بىلەن پەي – تۈكلىرىگىمۇ سەل – پەل قىزىل ئارىلاشقان. سۇقسۇرنىڭ كۆكرىكى سۆسۈن رەڭلىك بولۇپ، كۆرىكىدە ئىككى تال تىك سىزىق بار، ئۇنىڭ بىر جۈپ قانىتى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە.
   ئېگىز تاجلىق خامېلېئون
   بۇ ئالاھىدە رەڭدار بولغان، رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بىر خىل كەسلەنچۈك بولۇپ، ئاساسلىقى يەمەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن بايقالغان. ئۇ كەيپىياتىنىڭ ياخشى – يامانلىقىغا قاراپ تېرىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئالاھىدە رەڭلىك ئاشۇ كىچىك قاپارتمىلار ساغلاملىق ئەھۋالى، كەيپىياتى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.
   ئالا چارپاقا
   ئۇ يەنە پاناما ئالتۇن پاقىسى، ئالا پۇت چارپاقا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل چارپاقا ئىلگىرى كوستارىكا ۋە پاناما ئەتراپىغا كۆپ تارقالغان بولۇپ، ھازىر نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى، بۈگۈنكى كۈندە پەقەت پانامادىلا بۇ خىل پاقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش