نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 637 قېتىم كۈرۈلدى
ئوبامانىڭ ئەسلىدە زۇڭتۇڭ بولۇش سالاھىيتى يوق ئىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :



ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمىدا قەسەم بەرگەن كۆرۈنۈشى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى 24-چېسلا خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى «خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك قانۇنى» غا ئاساسەن، ئالدىنقى كۈنى ئاممىغا ئاشكلارلاش رەت قىلىندى.
ھاۋاي ئىشتاتىنىڭ باشلىقى، ئوبامانىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى دوستى Neil Abercrombie ئىلگىرى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىسپاتىنى ئاممىغا ئاشكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لىكىن ھاۋاينىڭ ئەدىلىيە ئەمەلدارى David Louie شۇ كىشى قوشۇلمىسا، شەخىسلەرنىڭ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ، دىگەن.
بىر قىسىم تەنقىدچىلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ تۇنجى نىگىر زۇڭتۇڭنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىنىش سالاھىيتى يوق بولۇشى مومكىن، چۈنكى ئۇنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلغانلىقىغا دائىر قانۇنىي ئىسپات يوق دەپ كۆرسەتكەن. بىر قسىم كىشىلەر ئوباما ھاۋايدا تۇغۇلمىغان، بەلكى دادىسىنىڭ يۇرتى ئافرىقىدىكى كېنىيەدە تۇغۇلغان دەپ گۇمان قىلدىكەن.
ھاۋاينىڭ ساغلاملىق مۇدىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2008-يىلى ۋە 2009-يىلى ئوبامانىڭ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە سېلىشتۇرغان ئىكەن. ئوباما ھاۋاي ئىشتاتىنىڭ مەركىزى ھونۇنۇدا تۇغۇلغاندىن كىيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، شۇ يەردىكى گېزىتتە ئوبامنىڭ تۇغۇلغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلغان.
ھاۋاي سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى Janice Okubo مۇ ئوبامانىڭ ئىسىمىنى ھاۋايدا تۇغۇلغانلار قاتارىدىن تاپقىلى بولىدۇ، بۇ تىزىملىكنى كۆپچىلىكمۇ ئاختۇرۇپ كۆرەلەيدۇ دىگەن.
2008-يىلى ئوبامانىڭ رىقابەتلىشىش گوروھىدىكىلەر ھۆكۈمەتنىڭ بىر نۇسخا ساغلام تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى ئېلان قىلغان، ئىسپاتتا زۇڭتۇڭنىڭ تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈنلىرى، تۇغۇلغان جاي، ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە مىللىتى قاتارلىلار بار ئىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش