نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 652 قېتىم كۈرۈلدى
ئۈچ دۆلەت رەھبىرى سۇرىيە پىرىزدېنتىنى جازالاشنى مۇھاكىمە قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -06
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 6-ئاۋغۇست خەۋىرى: ئەنگىلىيە BBC تورىنىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا، ف فرانسىيە ۋە گېرمانىيە رەھبەرلىرى سۇرىيە پىرىزدېنتى بەشىر ئاسادنىڭ نامايىشچى ئاممىنى دەھشەتلىك باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ دېيىشىچە، پىرىزدېنت ئوباما بىلەن فرانسىيە پىرىزدېنتى ساركوزىي ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىللار تېلىففۇندا سۆزلىشىپ، بەشىر ئاسادقا تەدبىر قوللىنىشنى مۇزاكىرە قىلغان.
سۇرىيە ئىنسانىي ھوقۇق زاتلىرىنىڭ دېيىشىچە، پايتەخت دەمەشىقتە ئېتراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى بولۇپ، بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئاز دېگەندە 7 ئادەمنى ئېتىپ تاشلىغان.
5-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ۋە نامايىشچى ئامما پايتەخت دەمەشىق، شەرقىي قىسىمدىكى ديېر زور، جەنۇبىي قىسىمدىكى دەرئا شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەيدانلارغا يىغىلىپ، بەشىر ئاساد ھۆكۈمىتىنىڭ خاما شەھىرىدە نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرغانلىقىغا ئېتراز بىلدۈرگەن. ئىگەللىنىشچە، ئاز دېگەندە 50 مىڭ ئادەم يىغىلىشقا قاتناشقان، رامزان ئېيى كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يىغىلىش ئىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن ھازىرغا قەدەر، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر خاما شەھىرىدە كۆپ قېتىم توقۇنۇشقان، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تانكا قاتارلىق ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ئىسيانچىلار شەھىرى خامانى كونترول قىلغان. توقۇنۇشتا يۈزدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. 5-ئاۋغۇست رامزان ئېيىدىكى تۇنجى جۈمە كۈنى بولۇپ، سۇرىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى جۈمە كۈنى خاما شەھىرىدە 12 نەپەر نامايىشچىنى ئېتىپ تاشلىغان.
نۆۋەتتە، خاما شەھىرىدە توقۇنۇش يەنىلا داۋاملىشىۋېتىپتۇ. خاما شەھىرىدىكى بىر ئامما ئاخباراتلارغا بىلدۈرۈشىچە، كوچىلاردا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان. ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقانلىقتىن، يەرلىك ئامما سىرتقا چىقالمىغان، تۇرمۇش ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان.
8-ئاينىڭ 4-كۈنى بەشىر ئاساد پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، سۇرىيەدە كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمگە رۇخسەت قىلغان، لېكىن ۋەزىيەتنى يەنىلا تىنجىتالمىغان. ئۆكتىچىلەر بەشىر ئاسادنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى "تىنجىتىش تاكتىكىسى" دەپ قاراپ، بەشىر ئاسادنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلغان.
سۇرىيە ئاخباراتلىرىنىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇرىيە ئارمىيىسى توپىلاڭ يۈز بەرگەن خاما شەھىرىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلغان. نۆۋەتتە، سۇرىيە دائىرلىرى خاما شەھىرىدە قوراللىق كىشىلەرنى ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.
سۇرىيە ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دېيىشىچە، رامزان ئېيى كىرگەندىن بۇيان، نەچچە مىڭ ئائىلە ئۇرۇش ئوتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن خاما شەھىدىن قېچىپ چىققان.

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش