بالدۇر تۇغۇلۇش دېگەن نېمە؟
ۋاقتى: 2016-04-08
ئاۋاتلىقى: 660 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالدۇر تۇغۇلۇش دېگەن نېمە؟
ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسىدىن كېيىن 38-ھەپتىسىدىن بۇرۇن، ھامىلە يېتىلمەي تۇرۇپ تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بالدۇر تۇغۇلۇش دەپ ئاتىلىدۇ. ھامىلە مەزگىلى قانچە قىسقا بولسا بوۋاقنىڭ تەن ئېغىرلىقى شۇنچە يېنىك بولىدۇ، بەدەن ئۇزۇنلۇقىمۇ شۇنچە قىسقا بولىدۇ. ھامىلە مەزگىلى 37 ھەپتىگە توشۇشتىن بۇرۇن تىرىك تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇن تۇغۇلغان ياكى پىشىپ يېتىلمىگەن بوۋاق دەپ قارىلىدۇ. بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولسا، ھامىلدار ئايالنىڭ ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىشىدۇر.