كاۋا شەربىتى
ۋاقتى: 2015-11-03
ئاۋاتلىقى: 677 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
خۇرۇچلار: كاۋادىن 100 گرام، ئازراق شېكەر ياكى تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. كاۋانىڭ پوستىنى ئاقلاپ، ئېتىنى كىچىك كۇب شەكىلدە توغراپ، سۇدا پۇشۇرىمىز.
2. پىشقان كاۋىنى قوشۇق بىلەن ئېزىمىز.
3. ئېزىلگەن كاۋىنىڭ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ، تۇز ياكى ئازراق شېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرىمىز. ئاخىرىدا كىچىك سۈزگۈچ چويلا بىلەن سۈزىمىز.
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: كاۋىنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مول مىقداردا β-كاروتىن، ۋېتامىن E، ۋېتامىن C، مېۋە يېلىمى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار شۇنداقلا سېنىك، ماگنىي، كوبالت قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە زۆۈر بولغان كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنىتلار بار. ئۈچەينى سىلىقلاپ، جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. بوۋىقىڭىزغا بىرقەدەر باب كېلىدىغان ياخشى قوشۇمچە يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.