بوۋاقلاردىكى قاتما كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى
ۋاقتى: 2016-04-06
ئاۋاتلىقى: 466 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. يوشۇرۇن دەۋرى: ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىردەك ئەمەس، ۋاكسىنا ئەملىنىش ئەھۋالى، جاراھەتنىڭ خاراكتېرى، ئورنى ۋە بىرتەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە 7-8 كۈن ئەتراپىدا، قىسقا بولغانلىرىنىڭ 24 سائەت ئۇزۇنلىرىنىڭ بىر نەچچە ئاي ھەتتا بىر نەچچە يىلغىمۇ سوزۇلىدۇ.
2 .كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى: ماغدۇرسىزلىنىش،باش قېيىش، باش ئاغرىش، چاينىشى جانسىز بولۇش، رېفلېكس كۈچىيىپ كېتىش، ئىچى تىتىلداش، دائىرىلىك ئاغرىش،مۇسكۇل تارتىشىش، قېتىپ قېلىش، ئاستىنقى ئېڭەك تارتىشىپ ئېغىزنى ئېچىش تەس بولۇش قاتارلىقلار.
3. كېسەللىك مەزگىلى: مۇسكۇللار ئۈزلۈكسىز تارتىشىش. ئەڭ باشتا چايناش مۇسكۇللىرىدا، كېيىن تەرتىپ بويىچە: يۈز، بويۇن، مۈرە، بەل، قورساق، قول-پۇت مۇسكۇللىرىدا، ئەڭ ئاخىرىدا دىئافراگما مۇسكۇلى، قوۋۇرغا ئارىلىق مۇسكۇلى قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ.
4. ئاۋاز، يورۇقلۇق،ئىچىملىك سۇ، ئوكۇل قاتارلىقلار جىددىي خاراكتېرلىك تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىمارنىڭ باشتىن ئاخىرى ئەس-ھوشى جايىدا، بولىدۇ. ئادەتتە يۇقىرى قىزىتىش بولمايدۇ.
Tags: