ھامىلىدارلىقنىڭ 16-ھەپتىسىدىكى ئايالنىڭ ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىق ۋاقتى 16 ھەپتىگە توشقان بولسىمۇ يەنىلا بويىدىن ئاجراشنىڭ خەتەرلىك باسقۇچى ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. بۇ ۋاقىتتا كۆپىنچە ئانىلارنىڭ سېزىكى ئاللىقاچان توختايدىغان بولۇپ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولىدۇ ھەمدە يېتەرلىك ئېنېرگىيە، ئاقسىل ۋە ۋىتامىنغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار تاماق تاللىماسلىقى، قالايمىقان ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىنB12، ۋىتامىن C قاتارلىقلارنى تولۇقلاپ تۇرۇشى لازىم. ۋېتامىن B12 قىزىل ھۈجەيرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ۋىتامىن C بولسا كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ بەدەن ئىچىدە شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بوغۇم، سۆڭەكلەرنى كۈچلەندۈرىدۇ، يارا ئېغىزىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلار ۋىتامىنCنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
ھامىلىدار بولۇپ 16 ھەپتىلىك بولغاندا ئاق شېكەر ئىستېمال قىلماسلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا قىزىل شېكەر ئىستېمال قىلىشى كېرەك.