زاكىلاش
ۋاقتى: 2015-11-24
ئاۋاتلىقى: 563 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ئاساسەن، بوۋاق يۇيۇندۇرۇلغاندىن كېيىن بەك يۇمشاق داكا ياكى خەسە بىلەن باش ۋە كىندىك قىسمى ئوبدان زاكىلىنىدۇ. «زاكا چېكىلىك زاكا، بەدەن زاكىسى، تەرەت زاكىسى دەپ ئۈچ پارچە راسلىنىدۇ.
چېكە زاكىسى پېشانىدىن ئېلىنىپ بۆرەكچى قىلىپ قۇلاق بىلەن قوسۇپ ئورۇلىدۇ. ئاندىن بەدەن زاكىسى ئىككى قولىنى ئىچىگە ئېلىپ چىڭ يۆگىلىدۇ. ئارقىدىن تەرەت زاكىسىنى بەدەن زاكىسى بىلەن قوشۇپ، بەلدىن ئورىغاندىن كېيىن، شوينا بىلەن تېڭىلىدۇ. بۇ بۆشۈككە سېلىشتىن بۇرۇنقى زاكىلاش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بوۋاق تۇنجى بولۇپ، بۇ دۇنيانىڭ قائىدە-يوسۇنى بويىچە ۋاقىتلىق سەرەمجانلار بىلەن سەرەمجانلاندۇرۇلىدۇ.» (يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق، «قائىدە-يوسۇنلىرىمىز»، 35-بەت).