ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى «ھامىلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان بەش چوڭ قاتىل»

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى «ھامىلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان بەش چوڭ قاتىل»

ۋاقتى: 2016-08-25 ئاۋاتلىقى: 683 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بەزىبىر ئادەتتە قارىماققا ناھايىتى بىخەتەر كۆرۈنىدىغان نەرسىلەر ھامىلىگە نىسبەتەن ناھايىتى خەتەرلىك، تۆۋەندە بىز ئۇلارنى ئاددىي قىلىپ تىزىپ چىقايلى، ئانا بولۇش ۋە دادا بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلار چوقۇم دىققەت قىلىڭلار! 


1. دورا: نۆۋەتتە  بىلىشىمىزچە تەخمىنەن %2~%3 تۇغما غەيرىلىكىنى دورا كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئاسانلا غەيرىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورىلار:  ئەرلىك ھورمۇن، ئىسپىرت، بىر قىسىم ئانتىبېيوتىكلار، قان ئۇيۇشقا قارشى فاكتورلار، تۇتقاقلىققا قارشى دورىلار، راكقا قارشى تۇرغۇچى دورىلار، تىنچلاندۇرغۇچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بۇ دورىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان غەيرىلىكلەر ئوخشاش بولۇپلا قالماستىن يەنە باش قىسىمى، يۈرەك قان-تومۇر، يۈز قىسمى ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. 



2. تۇغما خاراكتېرلىك تۆرەلمە ئىچىدە يۇقۇملىنىش: مەسىلەن  قىزىل، سىفلىس قاتارلىقلار.  قىزىلنىڭ ھامىلە ئىچىدە يۇقۇملىنىش نىسبىتى بىلەن غەيرىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا ئەڭ يۇقىرى بولۇپ بالىلاردا دائىم كۆزگە ئاق چۈشۈش، يۈرەك كېسىلى، ئاڭلاش سەزگۈسى بىنورمال بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  تۆرەلمە ئىچىدە يۇقۇملىنىشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى بولسا فىلتىرلانغان ۋىرۇس (ئەگەر ئىككىدىن يۇقىرى بولغۇچىلار) بىراق نۆۋەتتە تېخى فىلتىرلانغان ۋىرۇستىن  كېلىپ چىققان يۇقۇملۇق زۇكام كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇغما غەيرى ھامىلە كۆرۈلمىدى. 
3. خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن بۇلغىنىش: مەسىلەن قوغۇشۇن، سىماب قاتارلىقلار ھەممىسى غەلىتە ھامىلىنىڭ سەۋەبى بولۇپ، ئاسانلا ھامىلە ئۆسۈپ يېتىلىش ئاستا بولۇش، نېرۋا سىستېمىسى ھەم ئەقلى-ئىقتىدار تەرەققىياتىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  بۇ خىل بۇلغىنىش سانائەت سۇلىرىدىن بۇلغانغان دەريا ساھىلىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، خىمىيەلىك ماددىلار سۇ مەھسۇلاتلىرىغا سىڭىپ كىرىپ ھامىلىدار ئاياللار ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن ھامىلە غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
4. رادىيوئاكتىپلىق نۇر: ئۇنىڭ غەيرىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېففېكتى دائىم رادىيوئاكتىپلىق نۇرنىڭ مىقدارى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئادەتتە كۆكرەككە رېنتىگېن نۇرى چۈشۈرگەندە، ھامىلە غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بىراق ئومۇمىي مىقدارى كۆپەيگەنچە، ياكى يورۇقلۇق چۈشۈرگەن ئورۇن بالىياتقۇغا قانچىكى يېقىنلاشقانسېرى غەيرىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.  كومپيۇتېر ئېكرانىدىن چىققان رادىياتسىيە غەيرىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ-چىقارمامدۇ؟ بۇ نۆۋەتتە تەتقىق قىلىنماقتا، ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنىلا كومپيۇتېر ۋە تېلېفونىنى ئاز ئىشلەتكەن ياخشى. 



5. كوفېئىن: ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا، ھەر كۈنى ئۈچ ئىستاكاندىن ئارتۇق چاي ياكى قەھۋە ئىچسە، بويىدىن ئاجراش نىسبىتىنى بىر ھەسسە ئۆرلىتىدۇ! چۈنكى چاي ياكى قەھۋە تەركىبىدە كوفېئىن بار بولۇپ،  بويىدىن ئاجراش ھەم غەيرى تۇغۇش بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ. ھامىلىنىڭ جىگىرى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكتىن كوفېئىننى تېز سۈرئەتتە ماددا ئالماشتۇرۇپ چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، ئەكسىچە كوفېئىن ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇش نىسبىتى ھەم مېتابولىزم سۈرئىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلىگە نىسبەتەن زىيانلىق تەسىرى بار؛ بۇنىڭدىن سىرت، كوفېئىن ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى قاننىڭ ھامىلىگە ئېقىپ كىرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ھامىلىگە تەمىنلىنىدىغان قان ۋە ئوزۇقلۇقنى ئازلىتىپ ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.  ئۇنىڭدىن سىرت يەنە كوفېئىننىڭ سۈيدۈكنى راۋان قىلىش رولى بار، ئەسلىدىنلا كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولغان ھامىلىدار ئاياللارغا تېخىمۇ ئەپسىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كوفېئىن كالتسىي ماددىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى