ئۇزۇن مەزگىل دورا ئىشلىتىپ توختىتىپلا ھامىلىدار بولۇش مەسىلىسى
يانفوندا كۆرۈش
بەزى ئاياللار بەزى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن، ئۇزۇن ۋاقىت دورا ئىستېمال قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى دورىلار، مەسىلەن، ھورمون، ئانتىبىئوتىك، ئۆسمىگە قارشى دورىلار، روھى كېسەللىكلەر دورىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆپىيىش ھۈجەيرىسىگە تەسىر قىلىدۇ. تۇخۇم دەسلەپكى تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن پىشقان تۇخۇم ھۈجەيرىسىگىچە 14 كۈننى باشتىن كەچۈرىدۇ، بۇ مەزگىلدە تۇخۇم دورىنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى ئاسان ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئۇزۇن مەزگىل دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن ئالدىراپ ھامىلىدار بولماسلىق كېرەك.
ئادەتتە ئاياللار دورا ئىشلىتىشنى توختىتىپ 20 كۈندىن كېيىن ھامىلىدار بولسا كېيىنكى ئەۋلادقا تەسىر قىلمايدۇ. ئەلۋەتتە بەزى دورىلارنىڭ تەسىر قىلىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن، ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەڭ مۇۋاپىق پەيىتنى تاللاش كېرەك.