ھامىلىدارلىقنىڭ 15-ھەپتىسىدىكى ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشى
ۋاقتى: 2014-03-10
ئاۋاتلىقى: 657 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار بولۇپ 15ھەپتىلىك بولغاندا، بالىياتقۇ چوڭىيىدۇ ھەمدە داس سۆڭىكى يېتىلىدۇ، كىندىك قىسمىدا روشەن چوقچايغان ئىز بولىدۇ، ئانا كىندىك ئاستى قىسىم 7. 6 سانتىمېتىردىن 10 سانتىمېتىرغىچە بولغان ئورۇندا بالىياتقۇنى تۇتۇپ بىلەلەيدۇ.
گەرچە ھورموننىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىش ھالىتى پەسەيسىمۇ ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئۆزىڭىزنى ماغدۇرسىز ھېس قىلىسىز، زىيادە سەزگۈرلىشىپ كېتىسىز، ئاسان ئاچچىقلىنىسىز، ھامىلىدارلىق ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ يۈرەك، ئۆپكىنىڭ بېسىمى ئارتىپ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىدۇ. نەپەسنىڭ تېزلىشىشى ئەسلىدىكى پاسسىپ كەيپىياتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.