ھامىلىدارلاردىكى زەھەرلىنىشنى ئازايتىش تەدبىرلىرى
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلارنىڭ زەھەرلىنىش كېسەللىكىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم.
1. ھامىلىدارلار ھامىلىدارلىق، تۇغۇت ۋە چىللە مەزگىللىرى بىلىشكە تىگىشلىك بىلىملەرنى ئىگىلىشى، ھامىلىدارلىق ھەم تۇغۇتنىڭ ئورۇنسىز ئەندىشىلىرىدىن خالاس بولۇش، روھىي ـ كەيپىياتنى خۇشال ، كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇش لازىم. ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش، بوۋاقنىڭ ھەر مەزگىلدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئىسسىقلىق مىقدارى بىلەن تەمىنلەش، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئاقسىل ۋە ۋىتامىن مىقدارى كۆپ ئوزۇقلۇقلارنى تاللاپ ئىستىمال قىلىش، يېتەرلىك ئۇيقۇ ۋە ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2. تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشكە ئېتىبار بېرىش: ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قان بېسىمىنى، سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارىنى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ 5 ـ ئېيىدىن باشلاپ قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، قان بېسىم، سۇلۇق ئىششىق ۋە بەدەن ئېغىرلىق ئۆزگىرىشىگە قاتتىق دىققەت قىلىش، ھامىلىدارنىڭ زەھەرلىنىش كېسەللىكىنى بالدۇر بايقاش، ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش، كېسەللىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم.
3. كېسەللىك تارىخىغا دىققەت قىلىش: تۇنجى تۇغۇتلۇق ئايال، قوش گېزەك، باش سۈيى زىيادە كۆپ بولۇش، بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىمى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى ياكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھامىلىدارنىڭ زەھەرلىنىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، شۇڭا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.