ھامىلىدار ئاياللار قايسى ۋاقتتىن باشلاپ فولىك كىسلاتاسىنى تولۇقلاش كېرەك؟
ۋاقتى: 2015-12-26
ئاۋاتلىقى: 722 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ۋېتامىن B ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ھامىلىنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. ھامىلىدارلىقنىڭ بىرىنچى ئېيىدا، تۇخۇم تۆرەلمىسىنىڭ ھەجىمى 7000ھەسسە چوڭىيىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا كۆپ مىقداردىكى فولىك كىسلاتاسىغا ئېھتىياجلىق. بىراق بۇ ۋاقىتتا كۆپ قىسىم ئاياللار ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن فولىك كىسلاتاسى ئىستېمال قىلىدىغان ۋاقىتتىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. 35 ياشتىن ھالقىغان ئاياللارنىڭ ئۇرچۇقسىمان يىپەكنىڭ قېرىشى سەۋەبىدىن، كۆپىيىش ھۈجەيرىسىنىڭ بۆلۈنۈشىدە ئاسانلا غەيرىيلىك كۆرىلىدۇ، شۇڭا فولىك كىسلاتاسىنى ئېھتىيات سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. ھامىلىدارلىقتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن تولۇقلاشنى باشلاپ تاكى ھامىلىدار بولۇپ ئۈچ ئايغىچە تولۇقلىسا بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا فولىك كىسلاتاسىنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ۋېتامىن B12 كەملىكىنى يوشۇرۇپ قالىدۇ، ۋېتامىن B12 كەمچىل بولغاندا قايتىلانمايدىغان نېرۋا زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا فولىك كىسلاتاسىنى ئىستېمال قىلغاندا مىقدارىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
يېمەك-ئىچمەكتە فولىك كىسلاتاسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى ۋە بۆرىكى، يېشىل كۆكتات ۋە بېلىق، تۇخۇم، دانلىق زىرائەت قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلمىي بولمىغان تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، مەسىلەن تاماق ئەتكەندە تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىك، ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى فولىك كىسلاتاسى ئىسسىققا چىدامسىز بولۇپ، ئاسانلا بۇزۇلىدۇ.