ھامىلىدارلىقنىڭ 23 ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئايالنىڭ سول بۆرىكىگە سۇ يىغىلىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-08-01
ئاۋاتلىقى: 633 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
جاۋاب: بىر قىسىم ھامىلىدار ئاياللاردا ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە بۆرىكىگە يېنىك دەرىجىدە سۇ يىغىلىش كۆرۈلىدۇ، بۇ ھامىلىدارلىقتىكى نورمال بولغان فىزىيولوگىيەلىك جەريان بولۇپ داۋالاش ھاجەتسىز، كۆپ قىسىملىرى تۇغۇتتىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. بىراق ھامىلىدار ئاياللار ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئەڭ ياخشىسى بۆرەكنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان ھالەتتە يەنى سول تەرەپنى بېسىپ ئۇخلىشى لازىم. سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى كېسەللىكى كۆرۈلگەن ھامان چوقۇم داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى لازىم.