بالدۇر تۇغۇلۇشنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدۇ
ۋاقتى: 2016-04-03
ئاۋاتلىقى: 398 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالدۇر تۇغۇلۇشنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدۇ
ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇ بوينىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى جىنسىي يول ئاجراتمىلىرىنى تەكشۈرۈش. ھامىلدار ئايالدا بالىياتقۇ تارىيىش، بالىياتقۇ بوينى قىسقىراش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بالدۇر تۇغۇلۇش مۇمكىنچىلىكنىڭ بار-يوقلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا دوختۇر ھۆل پاختا پەلكۈچ ئارقىلىق بەزى ئاجراتمىلىرىنى ئېلىپ، رەڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ھۆكۈم قىلىدۇ.
ھامىلىنىڭ تالا تۇتاشتۇرغۇچى ئاقسىلىنى تەكشۈرۈش. ھامىلدار ئاياللار ئادەتتە ھامىلدار بولۇپ 22 ھەپتىدىن كېيىن ئۆلچەپ باقسا بولىدۇ. ئەگەر يوقلىقىنى بايقىسا، ئۇنداقتا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە بالدۇر تۇغۇلۇش كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەگەر بار بولسا بالدۇر تۇغۇلۇش ئىھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى چوڭلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق ھامىلدار ئاياللار كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىشى، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىنى توختىتىشى كېرەك. ئەگەر بالىياتقۇدا تارىيىش كۆرۈلسە، زۆرۈر بولغاندا بالىياتقۇ قورۇلۇشنى چەكلىگۈچ بىلەن داۋالاش كېرەك.ئەمما، جىنسىي يول تەكشۈرۈش، جىنسىي يولىدىن قان چىقىش، جىنسىي مۇناسىۋەت ھەم ھامىلە قېپى بالدۇر يىرتىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا، تالا تۇتاشتۇرغۇچى ئاقسىلنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولۇشى مۇمكىن، بۇ نورمال ئەھۋال، ئارتۇق ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
Bتىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشىدە بالىياتقۇ بوينى ئۇزۇنلۇقىنى تەكشۈرۈش: بۇمۇ بىرقەدەر قولايلىق ئۇسۇللارنىڭ بىرى. تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرى دائىم ھامىلدار ئاياللارنى 22-24 ھەپتىگىچە بولغان ئارلىقتا Bتىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشى ئارقىلىق بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى بىلەلەيدۇ. ئەگەر بالىياتقۇنىڭ ئۇزۇنلۇق 30 مىللىمېتىردىن ئۇزۇن بولسا، ھامىلىنى ساقلاش داۋالىشى ئارقىلىق بالدۇر تۇغۇلۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ ئەگەر 30 مىللىمېتىردىن كىچىك بولسا، بولۇپمۇ 25 مىللىمىتردىن كىچىك بولغۇچىلاردا بالدۇر تۇغۇشنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ.