2 ياشلىق بالىنىڭ بەدەن تەكشۈرۈشى
ۋاقتى: 2016-06-21
ئاۋاتلىقى: 545 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھەرىكەت يېتىلىشى: مەزمۇت قەدەم ئېلىپ ماڭالايدۇ، يۈگۈرەلەيدۇ، پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشەلەيدۇ. مارجانلارنى يىپقا ئۆتكۈزەلەيدۇ، موي قەلەم بىلەن قەغەزگە چەمبەر ۋە تۈز سىزىقلارنى سىزالايدۇ.
چوڭ-كىچىك تەرىتى: چوڭ-كىچىك تەرىتىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلالايدۇ.
چىشى: 20 تال سۈت چىشى چىقىپ بولغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ چىشىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئاڭلاش ئىقتىدارى: تەخمىنەن 300 ئەتراپىدا سۆزنى ئۆگىنىپ بولغان بولىدۇ، بىر قىسىم ئادەتتىكى جۈملىلەرنى دېيەلەيدۇ. ئەگەر 2 ياشقا كىرىپمۇ راۋان گەپ قىلالمىسا، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.