ئوغۇل-قىز تۇغۇشتا: ئىلىم-پەن ھەممىگە قادىر ئەمەس
ۋاقتى: 2015-04-28
ئاۋاتلىقى: 619 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، چاشقان، كالا قاتارلىقلارغا ئىشلىگەن بۇ تەجرىبىنى يېنىكلىك بىلەن ئىنسانلارغا ئىشلىگىلى بولمايدۇ، ھايۋانلار تەجرىبىسى مەغلۇب بولسىمۇ يەنە باشقا ھايۋانلاردا داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەشكە بولىدۇ. ئادەملەرگە ئىشلىگەن تەجرىبىدە بىخەتەرلىك بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇپ ئاسانلىقچە مەغلۇب بولۇشقا بولمايدۇ. شۇڭا كۆپرەك ۋاقىت كەتسىمۇ بۇ تەجرىبىنى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇش كېرەك.
ئىلىم-پەنمۇ ھەممىگە قادىر ئەمەس، شۇڭا كىشىلەر ئالدى بىلەن بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. گەرچە ھازىر قىز-ئوغۇل تۇغۇش تەجرىبىسىدە ئىلىم-پەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ يەنىلا تېخى غۇۋا نۇقتىلار مەۋجۇت. ئىلىم-پەن ئىنسانلاردىن مۇتلەق ئۈستۈن ئەمەس. چۈنكى ئىلىم-پەن پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ بەختكە ئىنتىلىشىدىكى بىر خىل ۋاسىتە خالاس.