بوۋاققا قايسى خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمىگەنلىكى قانداق بىلىمىز؟(1)
يانفوندا كۆرۈش
ئەگەر ئانا بولغۇچى سەزگۈر بولالىسىلا، بوۋىقىغا مەلۇم خىل ئوزۇقلۇق ماددا يېتىشمىسە، بەدەندىكى ئاگاھلاندۇرۇش ئالامەتلەرگە ئاساسەن بىلىۋالالايدۇ.
1. كالتىسىي
ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: ئىشتىھاسى ناچارلىشىش، كېچىسى ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق، سۆڭەكنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش، بوغۇملىرى ئىششىپ قېلىش، توخۇ كۆكرەك، خامۇت ئاياغ قاتارلىقلار
يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: سۈتنى كۆپرەك ئىچكۈزۈش، پۇرچاقتىن ياسالغان، كالتىسىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگۈزۈش كېرەك.
2. تۆمۈر
ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: تىت-تىت بولۇش، ھەرىكەت قىلىشنى خالىماسلىق، روھىي كەيپىياتى ياخشى بولماسلىق، ئىشتىھاسى ناچارلىشىش، چىرايى تاتىرىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چىكىنىش، ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ قېلىش، ئېغىر بولغاندا غەيرىي ماددىلارنى يەۋالىدىغان بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: تەركىبىدە تۆمۈر بولغان ماددىلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، مەسىلەن، ھايۋانات جىگىرى، ئورۇق گۆش، تۇخۇم، پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر، پەمىدۇر، تەرخەمەك، قاپاق لازا، ئاپلىسىن، لىمون، بۆلجۈرگەن قاتارلىق ۋېتامىن C مول بولغان يېڭى كۆكتاتلار ۋە مېۋە-چىۋىلەر.