ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

4ياشلىق 7-9ئايلىققىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش خۇلاسىسى

4ياشلىق 7-9ئايلىققىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش خۇلاسىسى

ۋاقتى: 2016-07-22 ئاۋاتلىقى: 672 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەۋھۇم دۇنيا ئىچىدە ياشايدۇ
ياشلىق بالىنىڭ تەسەۋۋۇرى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇ ئائىلىدىكى ھەرخىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھېكايىلەردىكى، كارتون فىلىملەردىكى قوراللارغا، ئۆزىنى بولسا شۇنىڭ ئىچىدىكى شەخس دەپ خىيال قىلىدۇ. ئۇ پىرسوناژلىق ئويۇنلارنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ بېلەت ساتقۇچىسى دېگەندەكلەر ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پىرسوناژلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


10ئىچىدىكى قوشۇش، ئېلىش قائىدىسى
بالىڭىز خەت ئۈگۈنۈشكە باشلايدۇ، چەمبەرنى، چاسا شەكىللەرنى دوراپ سىزىش، خەنزۇچە خەتنىڭ ئوڭ-سول يان بۆلەكلىرىنى يېزىش، ھەرپ ب، پ، ر، ز لارنى ئوخشاش مەنىدە دەپ قاراپ ئاسانلا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ. 10ئىچىدىكى قوشۇش-ئېلىش ئەمىلىنى بىجىرەلەيدۇ. شەكىل تۈزۈش، قوراشتۇرۇش، شەكىلگە رەسىم قېتىش قاتارلىقلار.
جانلىق ھەم ئوبرازلىق تەپەككۇر
بالىڭىز ئويلىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ھەم ئوبرازلىق بولىدۇ، ئۇ ھەر دائىم كونكېرىت، جانلىق بىر ئىشلارنى تەسۋىرلەيدۇ. مەسىلەن، مۈشۈكئېيىق سارىينى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، بالىڭىز سىزگە «ئاۋۇ يەردە ئولتۇرۇپ بامبۇك يەۋەتقان مۈشۈكئېيىق بەكلا ئوماقكەن»دەيدۇ.



رىقابەتنى توختىتىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش
بالىڭىز باشقىلارنىڭ تۇيغۇسىغا، ھەرىكىتىگە بولغان چۈشۈنۈشى ئاشىدۇ ھەم سەزگۈرلىشىدۇ-دە، دەرھال رىقابەتنى توختىتىپ، ئۆز-ئارا بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئويناشقا باشلايدۇ. يەسلىدە، ئويۇنچۇقلارنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇپ ئويناشقا باشلايدۇ. ھازىر ئۇ بىشەملىك قىلماي، چىرقىرىماي، مەدەنىي ئۇسۇلدا باشقىلارغا تەلىپىنى ئىيتالايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى