بوۋاققا قايسى خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمىگەنلىكى قانداق بىلىمىز؟(3)
يانفوندا كۆرۈش
1. ماگنىي
ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: مۇسكۇل تارتىشىپ قالىدۇ، بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىدا يۆنىلىشلىك توسالغۇ پەيدا بولىدۇ.
يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: تەركىبىدە ماگنىي مول بولغان يېمەكلىكلەردىن قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، سۆك، كۆممىقوناق، قارا بۇغداي ئۇن تائاملىرى، قوناق ئۇن تائاملىرى، سېرىق پۇرچاق، قارا پۇرچاق، باقىلە، جياڭدۇ، پۇرچاق ئويۇتمىسى، قىشلىق سەي، قىزىل بۇغداش(苋菜)، لازا، موگۇ، قۇرۇق مېۋىلەردىن كارامبولا(杨桃)، لۇڭيەن(桂圆)، ياڭاق مېغىزى، قۇرۇتۇلغان راك، يەر ياڭىقى، كۈنجۈت قاتارلىقلار بىلەن كۆپرەك ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك.
2. فوسفور
ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا بولۇش، چىشى ساغلام بولماسلىق قاتارلىقلار.
يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: تەركىبىدە فوسفور مول بولغان يېمەكلىكلەردىن بېلىق، راك، تۇخۇم، ئورۇق گۆش، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، ئۆرۈك مېغىزى، ياڭاق، كاۋا ئۇرۇقى قاتارلىقلار بىلەن كۆپرەك ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك.